روھ دۇردانىلىرى 4-سان

 

 

5-فېبرال غۇلجا ۋەقەسى خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن مۇھىم سىياسى ۋەقەلەرنىڭ بىرى. ئۇ زۇلۇم ۋە ئاسمىلاتسىيەگە دۇچار بولغان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈككە،ئىنسانى ياشاشقا بولغان بىر قېتىملىق ھەققانى ھەركىتى ۋە مۇستەملىكە زۇلمىغا قارشى ئىسيانكارلىق روھىنىڭ يارقىن نامايەندىسى. گەرچە بۇ ھەققانى ھەرىكەت خىتاي مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان بولسىمۇ ،لېكىن شېھىتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە يېڭى تاڭ قۇياشىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ئاتىدىغانلىقىغا ،ئەزىز خەلقىمىزنىڭمۇ ھۆر ھايات ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. تۆۋەندە ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ 5-فېبرال غۇلجا شېھىتلىرى خاتىرىسىگە بېغىشلاپ يازغان < ئۇندا ئەلنىڭ ھەققى بار> ناملىق شېئىرى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

ئۇندا ئەلنىڭ ھەققى بار

( 5-فېبرال غۇلجا شېھىتلىرى خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن)

ئاپتورى : ئابدۇۋەلى تۇرسۇن

مىكروفۇندا: قاراخان

ئېزەر دىلنى بىر كەچمىش،بىر قىسمەتنىڭ ھەسرىتى،
چۇنكى ئۇندا ھورلۇكنىڭ بەدىلى بار ،قېنى بار.
قەھرىتاننىڭ دەھشىتى ھەيۋە قىلغان دەملەردە،
باھارلارنى چىللىغان قەھرىماننىڭ ئۈنى بار .
تۇپرىقىنى باغاشلاپ،يۇرىكىدە يەر سويۇپ،
ياۋغا بويۇن ئەگمىگەن جان خەلقىمنىڭ كۇيى بار.

غۇرۇر، سويگۇ، ئەقىدە مەنزىلىدە يول ئالغان،
سادىر،غېنى روھىنى ۋۇجۇدىغا كۇچ قىلغان ،
ئادالەتنىڭ تۇغۇنى قوللىرىدا ئويناتقان،
غەپلەت باسقان دۇنيانى قەدىمىدە ئويغاتقان،
قەھرى-غەزەپ،پەيماندىن ياۋ كوكسىگە ئوق ئاتقان،
جان غۇلجامنىڭ سويۇملۇك، نادىر ئوغۇل-قىزى بار.

ئۇندا ھىجران چىرمىغان ۋىساللارنىڭ نۇرى بار،
ۋىجدانلاردا قوغدالغان ئىپپەتلەرنىڭ گۇلى بار،
ئەجداتلاردىن ئۇلاشقان ئىنسانلىقنىڭ يولى بار،
ئۇندا ھەقنى ئىستىگەن بىر كوڭۇل بار بىغۇبار،
ئاھ،نىتەيكى! بۇ ھايات شۇ كوڭۇلگە ئىنتىزار،
ئۇندا ئاشۇ ئارماننىڭ دەرتلىرى بار،ئىزى بار.

كۇن كېلىدۇ بىر پەيت ، ئەل بەختىگە تاڭ ئاتار،
سەھەر كۇلگەن زەر قۇياش زاۋاللارغا ئوت ياقار،
قەلبلەرنى سەگىتسە يېڭى پەسىل- گۇل باھار،
شەھىتلەرنىڭ ئارمىنى مازارلاردا گۇل ئاچار،
ئاھ! ۋەتەننىڭ ئاشىقى شۇندىلا بەختىن تاپار،
چۇنكى، ھەقنىڭ دائىما دەرتمەنگە باققان كوزى بار .

2017-يىلى 4-فېبرال شەھرى گېزېكېدە يېزىلدى.

يىڭى ھايات
(ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇللاھ غامىدىنىڭ شۇ ناملىق ئەرەپچە ماقالىسىگە ئاساسەن ئۆزلەشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىندى)

تەرجىمە قىلغۇچى: مىركامىلجان كاشغەرلى
1999 – يىلى

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

ئىنسان دۇنيادا ئىككى قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بىرىنچى قېتىم، ئانىنىڭ قاراڭغۇ قورسىقىدىن يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندا. ئىككىنچى قېتىم، زۇلمەتلىك ئاسىيلىقتىن نۇرلۇق ئىتائەتكە قەدەم قويغاندا.
بىرىنچى قېتىملىق ھايات ئۇيغۇرلارغا، خىتايلارغا، ياخشىلارغا ھەم يامانلارغا، قۇرۇت – قوڭغۇز، ئۇچار قاناتلارغا شۇنداقلا بارلىق تاش – تۇپراق، ئۆسۈملۈكلەرگە ئورتاق نىسىپ بولىدۇ. ئەمما ئىككىنچى قېتىملىق ھايات ئاللاھ تائالا ھىدايەت ۋە ئىستىقامەتكە باشلاش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نۇسرەت ئاتا قىلماقچى بولغان ئەڭ بەخىتلىك، قىسمەتكە باي كىشىلەرگىلا مەنسۇپ بولىدۇ.
بۇ ھايات ئىنساننىڭ يېشىغا باقمايدۇ
بۇ ھايات سىىزگە ئاتا قىلىنىۋاتقاندا، سىز شېرىن ھاياتقا تېخى ئەمدىلا قەدەم قويۇشقا باشلىغان ياكى ياشلىق باھارىڭىزنىڭ گۈزەل نەغمىلىرىدىن زوقلىنىشقا باشلىغان، يېشىڭىز 40 ياكى 60 تىن ھالقىغان، ھاياتلىق سەپىرىڭىزنى تاماملاپ، ئۆلۈم دەرۋازىسىنى چېكىش ئالدىدا تۇرغان ياكى تېخى ئەمدىلا قاراڭغۇ قوساقتىن يورۇق دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان چېغىڭىز بولىشىمۇ مۇمكىن.
بۇ ھايات ئورۇنغا باقمايدۇ
بۇ ھايات سىزگە ئاتا قىلىنىۋاتقاندا، سىز بىرەر بۇتخانا ياكى مەسجىد ئىچىدە، يول ئۈستىدە ياكى ئۆيىڭىز ئىچىدە، تۇرمىنىڭ قاراڭغۇ خىلۋەتلىرىدە ياكى ئەركىن دۇنيانىڭ ساپ ھاۋالىق گىرۋەكلىرىدە ئولتۇرغان، كېسەل كارۋىتىدا ماماتلىق جېڭىنى قىلىۋاتقان ياكى خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا تۇرمۇش غېمىنى قىلىۋاتقان بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئاسىيانىڭ كەڭرى يايلاقلىرىدا ياكى ئافرىقىنىڭ يالقۇنلۇق سەھرالىرىدا، تاغلارنىڭ مەغرۇر چوقىسىدا ياكى باياۋاننىڭ قۇم- بارخانلىق ئۇچىسىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن، شۇنداقلا ھەرەمنىڭ ئازادە ھويلىسىدا تەپەككۇر ئۈنچىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
بۇ ھاياتنىڭ مەخسۇس بىر سەۋەبى بولمايدۇ
بۇنىڭ سەۋەبى بىر ياخشى نەسىھەت ياكى بىر ياخشى مۇھىت ۋەياكى بىر ئىخلاسمەن دوستىڭىزنىڭ غايىبانە دۇئاسى بولىشىمۇ مۇمكىن. ھەمدە بىرەر قېتىملىق چۈش ياكى بىرەر قىتىملىق رەنجىش بولىشىمۇ مۇمكىن. يەنە بەزىدە بۇنىڭ ھىچ قانداق سەۋەبىمۇ تىپىلماي قالىدۇ. قانچىلىغان كىشىلەر سىزگە بالىلىقىدىن ياشلىقىغا قەدەم قويۇپ، تاكى قېرىپ دۇنيادىن ۋىدالاشقىچە مەسجىد ئۇلارنىڭ ئۆيى شۇنداقلا قۇرئان ئۇلارنىڭ تىلىغا ئايلانغان ھالدا ئۇچراپمۇ تۇرىدۇ.
بۇ ھاياتنىڭ مۇددىتى ۋە چېكى بولمايدۇ
بۇ ھاياتنىڭ داۋامىغا بىرەر ئاچچىق ئازاپلىنارلىق ھالەت ياكى بىرەر تاتلىق خۇشاللىنارلىق ھالەت تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇنىڭ مۇددىتى بەزىدە بىر دەملىك، يەنە بەزىدە نەچچە ئون يىللىق بولىدۇ. ئۇ بەزىدە ئۆيىڭىزنىڭ توت تېمىنى، يەنە بەزىدە پۈتۈن ئاسمان – زېمىننى ئۆز قوينىغا ئالغان بولىدۇ. ھەمدە بەزىدە مەخپى، يەنە بەزىدە ئاشكارا، پارلاق قوياشتەك ھەممىگە ئايان بولىدۇ.
بۇ ھايات، ۋاقىت ھەم پەسىلگە باقمايدۇ
بۇ ھايات سىزگە ئۆزىنىڭ نۇرلۇق جامالىنى كېچىنىڭ زۇلمەتلىك قاراڭغۇلىقىدا ياكى كۈندۈزنىڭ يورۇق ئاپتاپلىقىدا، ئىللىق باھارنىڭ مەيىن شاماللىرىدا ياكى رەھىمسىز كۈزنىڭ دەھشەتلىك بورانلىرىدا ۋىللىدە كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھايات دەم ئىلىش پۇرسەتلىرىدە ياكى ئالدىراش خىزمەت سەپلىرىدە، شاتلىقنىڭ چەكسىزلىكىگە شۇڭغىغان ياكى غەم – قايغۇنىڭ ئەدەپسىزلىكىگە ئۇچرىغان ۋاقىتىڭىزدا، لىپپىدە كېلىپ بىشىڭىزغا قونىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھايات تۇيدۇرماستىن يوشۇرۇن، ياكى تۇيدۇرۇپ ئاشكارە، بىر دەم ئىچىدىلا قىسمىتىڭىزنىڭ زىننىتىگە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن.
بۇ ھاياتنى زادى نېمە دېيىش كېرەك؟
بۇ ھاياتنى ئاسىيلىق زۇلمەتلىرىدىن نۇرلوق ئىتائەتكە، تىڭىرقاش تەڭقىسلىقىدىن راھەتلىك مەمنۇنىيەتكە، خار – زەبۇنلۇق ئازگاللىرىدىن يۈكسەكلىك ئەرشىگە، دۇنيادا يۇقىرى ئىززەت مەرتىۋىگە شۇنداقلا ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك بەختىيارلىققا قەدەم قويۇش، دېيىش لازىم.
بۇ ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇنۇلارنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ:
ئازاپلىق قەلب ۋە بېقارار روھ بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنۈش.

ئالدىنقى ئىشلارغا نادامەتكە چۆمگەن، كەلگۈسىدىكى ھىدايەتتىن ئۈمۈتكە پۈركەنگەن ھالدا ئۆز – ئۆزىدىن ھېساپ ئېلىش.

ھەققانىيەت ۋە ساداقەتكە بولغان ۋىجدانىي تەقەززا ھەمدە چىن قايناق ھېسسىيات بىلەن كۆزىدىن ياش تۆكۈش .

ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەت ۋە مۇكەممەل بەندىچىلىكنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھالدا سەجدىگە باش قويۇش.

ئەمىسە كىلىڭ، تەييەرلىقىڭىز پۈتكەن بولسا، بىز بىرلىكتە بۇ يېڭى ھاياتنى قىزغىن قارشى ئالايلى!

روھىمىزدىكى بېقارارلىق، قەلبىمىزدىكى ئىزتىراپلىق تەلپۈنۈش بىلەن.
تەۋبىنىڭ ئىسسىق ياشلىرى، كۆكرەكتىكى يالقۇنلۇق ئىشتىياق بىلەن.
كەمتەرلىك، پىداكارلىق، قىزغىنلىق ھەم شات ـ خوراملىق بىلەن.
مۇستەقىل غايە، مۇستەھكەم ئىرادە، سەبىر ھەم قانائەت بىلەن.
ئۆلمەس ئىشەنچ، يىڭىلمەس ئۇمۇت، پىداكارانە ئەمىلىيەت بىلەن.
كۆڭلىمىز يورۇق، قەلب ئازادە، تەشەككۈرلۈك سەجدىمىز بىلەن.
قارشى ئالايلى بۇ يېڭى ھاياتنى نادامەتلىك تەۋبىمىز بىلەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز