روھ دۇردانىلىرى 8-سان


8-مارت خانىم – قىزلار كۈنى ئۈچۈن تەييارلاندى

تاڭ زىياسى يوقمىدۇر

مىكروفۇندا: قاراخان

بۇ قارا ھىجران تۈنىنىڭ ئىنتىھاسى يوقمىدۇر،
ۋەسلى دىدار كۈنلىرىنىڭ ئىپتىداسى يوقمىدۇر؟
ئۆلگۈدەك جانىمغا تەگدى ھېجىر ئاخشامى يامان،
بىر خەۋەر كەلسە نە بولغاي، تاڭ ساباسى يوقمىدۇر؟
بىر نەپەس يۈز يىل بىلىندى ئىنتىزارلىق دەستىدىن،
تەشنائى قەلبىم ئۈچۈن نەشئۇ نەماسى يوقمىدۇر؟
ئۆرتىدى جىسمىمنى ھەردەم دىلدا يالقۇنلاپ كۆيۈك،
خەستە دىلگە بىر شىپا دورا-داۋاسى يوقمىدۇر؟
يار خىيالى بىرلە سولدۇم، يەتتى ئۆمرۈمگه خازان،
تەنگە جان بەخش ئەتكىلى كۆكلەم ھاۋاسى يوقمىدۇر؟
بۇ جۇدۇنلۇق دەشتلىرى كەڭ، مېنى ئازدۇردى تالاي،
ئەمدى يول كۆرسەتكۈچى بىر رەھنە ماسى يوقمىدۇر؟
كەتمىگەي ئارماندا ئۆتكۈر كۆزدە قانلىق ياش بىلەن،
يىرتقىلى تۈن پەردىسىنى تاڭ زىياسى يوقمىدۇر؟

خەجلە

مىكروفۇندا: قاراخان

خەجلە، خائىنلارەي، خەجلە، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە،
يېتىشمەي قالىسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە.
خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە، بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە،
تالان-تاراجىدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە.
دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى، دۇكانغا توقۇتۇپ بوزنى،
سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلام، ئىچىپ سەن قانىتى خەجلە .
كۆلىدە بېلىقى كۆپ دەپ، يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ،
قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھىيلە، ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە.
پالانى ئاقچىدۇر-كۆكچى، بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى،
دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى، سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.

========================

8-مارت خانىم – قىزلار كۈنى ئۈچۈن تەييارلاندى

« ئايالنىڭ ئىسمى يوق »، ئۇنداقتا قەدىر – قىممىتىچۇ؟

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

« ئايالنىڭ ئىسمى يوق » دېيىش ئارقىلىق، ئايالنىڭ قەدىر –قىممىتىنى يوق قىلغان مەلۇم چۈشەنچىگە بىر جاۋاپ بولسۇن دەپ بۇ ماۋزۇنى قويدۇم.
زامانىۋىيلىق ئايالنى ئۆيدىن چىقىرىپ، ئۆيىنى چېقىۋەتتى. ئايالنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆينى « بۇ سېنىڭ تۈرمەڭ » دەپ تونۇشتۇردى. بۇ شەيتانى تەۋسىيەگە ئالدانغان مەدەنىي ئاياللار ئۆيىنى تەرك ئەتتى.
ئۇلارنىڭ بۇ ئاياللارغا ئۆيىنىڭ ئورنىدا تونۇشتۇرغان نەرسە نېمە ئىدى؟ كوچا – كويلار، تاللا بازارلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ماكانلىرى، زاۋۇت، ئورگان، دۇككان، ئىشخانا، ئاممىۋى تەشكىلات… قاتارلىقلار ئىدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆينىڭ ئورنىنى ئالالمىدى. ئايال ئۆيگە دۈشمەن، تالاغا ئاشىنا قىلىندى. 
ئەپسۇس، تالا ئۇنى قوغدىيالمىدى. ئەلۋەتتە قوغدىيالمايتتى. تالاغا چاقىرغانلار ئۇنى ھىمايىسىز، قوغدىغۇچىسىز قالسۇن دەپ چاقىرغانىدى. ئۇنى تالاغا چاقىرغانلار، ئۇنى « تاۋار »غا ئايلاندۇرۇشقا ئىنتىلىدىغانلار ئىدى.
ئايال ئۇلار ئۈچۈن ياساندى، بوياندى، ئۇپا – ئەڭلىك سۈركىدى. ئۇلار ئۈچۈن پۇلىنى، ۋاقتىنى، ھاياتىنى خەجلىدى. ئۆيدىن چىقىرىپ سىرىتقا مەپتۇن قىلغان، تالانىڭ « تاۋارى »غا ئايلاندۇرغان ھەر ئايالنى، ئۇلار لوق ۋە كۆنۈك خېرىدار سۈپتىدە دائىم ئالقىشلىدى. دېمىسىمۇ ئەھۋال شۇنداق ئىدى. ئايال ئېرىشىش ئۈچۈن خەجلەيتتى، خەجلەش ئۈچۈن پۇل تاپاتتى.
نەتىجىدە ئايال « ئانا » ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ياتلاشقانىدى. تالاغا بېقىنغان ھاياتنىڭ ئالدىراشچىلىقىنى ھېچقانداق بىر ئايال « ئانا »لىق سۈپىتى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭالمايتتى. ئۇ نازىنىن يەلكىسى بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. چىقىپ تاشلىغان ئۆيىنىڭ ئورنىغا دەڭنى دەسسەتتى. « چېقىۋەتتى » دېگەن ۋاقتىمدا، ئەلۋەتتە، تۆت تامنى نەزەردە تۇتمىدىم. بۇ بىر ئوخشىتىش ئىدى. خۇددى ئايالنىڭ ئاياللىق رولىنى پۈچەكلەشتۈرگەندەك، ئۆينىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رولىنى پۈچەكلەشتۈردى.
كۈنىمىزدە ئۆيلەر كۆپىنچە ئىككى كىشىلىك مېھمان كۈتۈش ئىدى. دادا ئىشقا، ئانا ئىشقا، بالا يەسلىگە مەھكۇم. نېمە دېگەن گۈزەل ھايات!!! سىز بۇنى ئائىلە دېيەلەمسىز؟ ئائىلە بولالمىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. نەتىجىدە ئەڭ باشتا پەرزەنت سانىنى ئازايتىشقا قايىل قىلدى. دېمىسىمۇ، ئۆيدىن چىققان ئايال بۇنىڭغا قايىل بولۇشقا مەجبۇر ئىدى. باشقا شەكىلدە تالاغا چىقالمايتتى. ئۇنىڭ نەزرىدە ئۆزىنى سىرىتتىن ئايرىپ تۇرىدىغان ھەر ئامىل بىر توساق ئىدى. بۇنىڭ ئىچىگە پەرزەنت، ھەتتا ئايالىدىن « ئاياللىق » تەلەپ قىلغان ئېرىمۇ كىرەتتى.
ئائىلەسىزلىكنىڭ مەركىز بولغان غەرپ ئەللىرىدە مودرىن ( زامانىۋى ) ئاياللار تۇغمايدۇ. ئۆتكەندە قىبرىس رىم ھۆكۈمىتى ھەر توغۇت ئۈچۈن 60 مىڭ دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىلىمەن، ئاياللارنى تۇغۇشقا يەنىلا قىلالمايدۇ. پەرزەنتنى ئۆزى ئۈچۈن بىھۇدە جاپا تارتىش دەپ قارايدىغان بىر ئايالنى قانداقمۇ توغۇشقا قايىل قىلالايسىز؟ بولۇپمۇ « كوللىكتىپ مېلى »غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىچىدىكى « ئانا » ئۆلتۈرۈلگەن مودرىن ئايال، فىترەتنىڭ چۇقانىنى تاشتەك قېتىپ كەتكەن دىلى بىلەن قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟
قولىغا ئىتنىڭ تاسمىسى تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە « بالا باقما، ئىت باق » دېيىشتى. مودرىن ئايال ئۆزىمۇ ھېس قىلماستىن ئىتنى پەرزەنتنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. پەرزەنتىنىڭ جاپاسىغا رازى بولۇشتىن قاچقان ئايال، ئىتنىڭ جاپاسىغا رازى بولدى. بۇ خۇددى بىر ئەرنىڭ جاپاسىغا رازى بولۇشتىن ئۆزىنى تارتىپ دىلىدىن ئائىلىنى چىقىرىپ تاشلىغانئايالنىڭ، ئەرلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن مەھرۇم مەسئۇلىيەتسىز، ئىپپەتسىز ئەرنىڭ دەردىنى تارتىشقا رازى بولۇشىغا ئوخشايتتى.
مۇسۇلمان ئايال ئالدى بىلەن بىرىنچى ئۆيى بولغان تەسەتتۇر ( ھىجاپ )نى، ئاندىن ئىككىنچى تەسەتتۇرى بولغان ئۆيىنى قوغدايدۇ. بۇ، ئاللاھ تەلىماتلىرىغا رىئايە قىلغان ئايالغا ئاللاھ نىڭ بەخش ئەتكەن لۇتپىدۇر.
شۇنداق، ئىسلامى تەسەتتۇر ئۇنىڭ بىرىنچى ئۆيىدۇر. بەزىلەر تەسەتتۇرغا « ئىككىنچى تىرە » سۈپتىدە قارايدۇ. بۇ ئاشقۇنلۇقتۇر، فىترەتكە زىتتۇر. تەسەتتۇر مۇئمىن ئايال ئۈچۈن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى شەكىللەندۈرىدىغان بىر تەلىماتتۇر. يات جىنىس بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، « ئىنسان »لىقىنى « چىشى»لىقىنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. بۇنى تەسەتتۇرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ۋە يات جىنىسقا « مەن بىلەن ئىنسانلىقىم ئۈستىدىن مۇناسىۋەت ئورنات » دەيدۇ.
تەسەتتۇرنى ئىككىنچى تىرە دەپ قارايدىغان ئاشقۇن چۈشەنچە، ئۇنى مۇسۇلمان ئايالنىڭ مەيلى يالغۇز بولسۇن ياكى باشقىلار بىلەن بىللە بولسۇن تىرىگە ئوخشاش ئۇنىڭدىن ئايرىلماس بىر پارچە سۈپىتىدە كۆرىدۇ. بۇ دەماللىققا « ھۇشيارلىق » تەك كۆرۈنسىمۇ، تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا فىترەتكە زىت ۋە مەجبۇرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. فىترەتكە ماس بولمىغان ھەر خىل دىندارلىق كۆرۈنۈشىنىڭ زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مۇقەررەر. بۇ يا تەدبىقلىغۇچىنىڭ مۇئامىلە، قىلمىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە چۈشەنچىسىدە ياكى قارشى تەرەپتە سەلبىي تەسىر قالدۇرىدۇ، ئۆزىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
تۇنجى ئۆي بولغان ئىسلامى تەسەتتۇر، مۇسۇلمان ئايال بىلەن ھەمىشە بىرگە بولىدۇ. مۇسۇلمان ئايال قەيەرگە بارسا، ئۇمۇ شۇ يەرگە بارىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن ئۇ « ئۆي »لىكتۇر. تەسەتتۇرى ئېلىپ تاشلىنىپ كوچىغا چىقىرىلغان بىر ئايال، بۇ سەۋەپتىن ئۆيى خانىۋەيران قىلىنغان بىر ئايالدۇر.
« تۇنجى ئۆيى » بولغان تەسەتتۇرىنى قوغدىيالمىغان ئايالنىڭ، « ئىككىنچى تەسەتتۇرى » بولغان ئۆيىنى قوغدىشى بەسى مۈشكۈلدۇر. مانا بۇ سەۋەپتىن ھەقنى نامايەن قىلغان بىر تەسەتتۇر، مۆجىزىدۇر.  
دۇنيانىڭ ئايال نوقتىسىدىن قەيەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىغا زەڭ سېلىپ قاراپ بېقىڭ. ئەنە شۇ چاغدا نېمە ئۈچۈن مۆجىزە دېگەنلىكىمنى ھېس قىلىسىز. تەسەتتۇرنىڭ ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى، ھۆرلۈك شۇئارى بىلەن « تاۋار »غا ئايلاندۇرۇلغانئايالنىڭ بېشىدىكى دەرتلەرگە نەزەر تاشلىغان ۋاقتىڭىزدا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيسىز.
ئايال بىئارام بولىدىغان بولسا، قەدىر – قىممەتسىزلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن بىئارام بولۇشى كېرەك. ئايالنىڭ ئىسمى بولمىسا، ئۇنىڭغا بىر ئىسىم تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما قەدىر – قىممىتى بولمىسچۇ؟ ئۇ باشقا ئىسىملارغا ئوخشاش « قويدۇم » دېيىش بىلەنلا ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.
ئايالنى قەدىر – قىممىتىدىن ئايرىپ تاشلىغانلار، ئۇنىڭغا « باھا » قويىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا قەدىر – قىممەت يوق، پۇل جىق. شۇڭا ئۇلار « پۇل بېرىپ ئالىمىز » دەپ ئويلايدۇ.
 ئايال، قەدىر – قىممەتسىزلەشتۈرۈش قىلمىشىغا قۇربان بولۇشنى خالىمىسا، « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششايتانىر رەجىم » دېسۇن. شۇنداق دېسۇنكى، شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراق تۇرسۇن. 

مەنبە: ئۇندىدار سەھىپىلىرى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز