سىياسەت سەھنىسى 10-سان


غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 21يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان ئالاھىدە سان!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسىنىڭ ئەزىز ئاڭلارمەنلىرى، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 10-سانىغا خۇش كەلدىڭلار.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا غۇلجا ئىنقىلاۋى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز

مەن رىياسەتچى ئابدۇسالام نىياز. 1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈز بەرگەن ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا خېلى زور تەسىر قوزغىغان غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 21 – يىلىغا قەدەم قويغان بۇ كۈنلەردە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى، خۇددى 21 يىل بۇرۇنقىدەك زور ھاياجان ۋە قىزغىنلىق كەيپىياتى ئىچىدە غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 21 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە غۇلجا شېھىتلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. مېنىڭچە مەيلى ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بولسۇن ياكى ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بولسۇن ھەر يىلىدىكى بۇ كۈننى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ ۋە ئەزىز قەھرىمانلىرىنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ……مېنىڭچە بۇ كۈندە رادىئو ئالدىدىكى سىزمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاشلا ئازابلىق ھېسلارغا تولغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ھەقىقەتەن بۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بىر ئۆتمۈشتۇر! ئۇنداقتا مەن ئالدى بىلەن بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان قىممەتلىك مېھمانلىرىمىزنى رادىئو ئالدىدىكى دوستلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە ئاكتىپ سىياسى پائالىيەتچى سەئىد ئەكرەم ئەپەندى

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى.

كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە ژورنالىست گۈلشەن ئابدۇقادېر خانىم

سوئال: ھۆرمەتلىك سەئىدى ئەكرەم ئەپەندى ئەينى يىللىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىگە نىسبەتەن سىزگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان ۋە ئەستىن چىقىرالمايدىغان ئىش نىمە؟

گۈلشەن ئابدۇقادېر خانىم 5-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نىمە؟ سىز 5-فېۋرال ئارخىپلىرى نىڭ ئاپتورى بولۇش سۈپىتىڭىزدە بۇ ۋەقەنىڭ ماھىيىتىگە قانداق قارايسىز؟ بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خۇددىي 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا <ئۇرۇپ ، چېقىش، بۇلاش ۋەقەسى>دەپ بېكىتىلگەن. ئەمما خىتاي ئاخپاراتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارايدىغان بولساق بولۇپمۇ ۋىكىپىدېيادىكى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدىكى باياندا مۇنداق قۇرلار ئېلىنغان: <ئەينى يىللىرى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىدا سوۋېتنىڭ تەسىرى بەكرەك كۈچلۈك ئىدى، شۇ سەۋەب ئۇلار شۇ يىللاردا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى خەنزۇلاردىنمۇ بەكرەك مەدەنىيەتلىك ۋە كېيىنىش، يۈرۈش –تۇرۇشتا غەرپلىكلەر بىلەن ئوخشاش ئېقىمدا ئىدى. شۇ يىللىرىدىكى سوۋېت بىلەن بولغان چېگرا سودىسىدا بىر قىىسىم ئۇيغۇرلاردا تېزلا بېيىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، كىچىك خوتۇن ئېلىش، خىرويىن چېكىش، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناشتەك ئەھۋاللار ئېغىرلاشتى. غۇلجا يەنە ئەيدىس كېسىلى بولغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇ يىللىرى ئابدۇخېلىل ئىسىملىك ياش ھۆكۈمەت تەستىقىنى ئالماستىن غۇلجا ياشلار مەشرىپى كومىتېتىنى قۇرغان ۋە كىشىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋەقە تۇغدۇرغان ........>دېمەك بۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئەينى يىللىرى ئابدۇخېلىلنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى يامان يوللاردىن توسۇپ، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلىگەنلىكى ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى پۈتۈن دۇنيادىن يوشۇردى ۋە تاكى بۈگۈنگىچە بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىرەر جاۋاب بەرگىنى يوق! ئۇنداقتا سىز بۇ ۋەقەنىڭ باشلامچىسى بولغان مەرھۇم ئابدۇخېلىل ھەققىدە قانداق تەپسىلاتلارنى بىلىسىز؟

سوئال: ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 1997-يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتېرنېت تېخى ئۇنچە كەڭ ئومۇملاشمىغان بىر دەۋر بولۇپ، مۇشۇنداق بىر دەۋردە يۈز بەرگەن بۇ چوڭ ۋەقە خەلقئارادىمۇ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلالىغان. ئەينى يىللىرى بۇ ۋەقە قانداق بىر يوسۇندا چەتئەل جامائىتىگە ئاڭلىتىلدى؟ خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى نىمە؟

سوئال: گۈلشەن ئابدۇقادېر خانىم 5-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى خىتاي دائىرىلىرى، شۇ يىللاردىكى داڭلىق دىنىي ئۆلۈما ئابلىكىم مەخسۇم شاگىرتلىرىنى غۇلجىغا دىن تەرغىباتى ئۈچۈن ئەۋەتكەن، بۇ جەرياندا غۇلجىدا مەشرەپ نامىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈپ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ رادىكاللىشىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئاقىۋەت ۋەقە سادىر بولغان دەپ قارىغان، سىز بۇلار تىلغا ئالغا مەشرەپ ئارقا كۆرۈنىشىگە قانداق قارايسىز؟

سەئىدى ئەكرەم ئەپەندى 1997-يىلى 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن 2014-يىلى يۈز بەرگەن يەكەن ۋەقەسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ، تەسىر دائىرىسى خېلىلا زور بولغان ئىنقىلاپلارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما قارايدىغان بولساق شۇنى ھېس قىلىمىزكى 1997-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسى بىلەن 2014-يىلى يۈز بەرگەن يەكەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئوخشاشلىقلار بار. مەسىلەن، غۇلجا ۋەقەسىمۇ رامازان ئايلىرىنىڭ قەدىر كېچىسىدىكى ئاياللارنىڭ يىغىلىپ كېچىلىك ئىبادەت قىلىشى سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ كېتىشى ۋە ئەرلەرنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىشى بىلەن باشلانغان ، يەكەن ۋەقەسىمۇ دەل رامازان ئايلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى كېچىسى رامازاننى ئۇزىتىپ، روزا ھېيتنى كۈتۈۋېلىش سەۋەبىدىن ئاياللارنىڭ كېچىدە يىغىلىپ ئىبادەت قىلىشى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئەرلىرىنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىشى بىلەن باشلانغان. بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ،ۋەقە بولۇشتىن ئاۋۋال بۇ رايونلارغا دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ سىرتتىن كېلىپ قېلىشى ۋە بۇ يەردىكى خەلق ئاممىسىنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە بىرلىككە كەلتۈرەلىشى. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتلىرىنىڭ ئوخشاشلا رامىزان ئايلىرىدا بولىشى سىزچە تەساددىپىيلىقمۇ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ھالدا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا بولغان ھۆرمىتى، مۇھەببىتىدىن پايدىلىنىپ قەستەن، پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقمۇ؟

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقى خىتاي مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكېمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا 68-يىلدىن بېرى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېزىلىش، خورلىنىش ۋە باستۇرۇلۇشلارغا دۇچار بولۇپ كەلدى. بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغىنى ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ دۈشمەن بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئاۋۋاللا <سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى>غا ئوخشاش ھېيلە – مىكىر ئىلمىنى تەتقىق قىلىپ جاھاندارچىلىق قىلغان ئەڭ ئەشەددىي مەخلۇق ئىكەنلىكىنى گەرچە بىلسىمۇ ئەمما يەنىلا يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شۇ ھېيلە نەيرەڭلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلدى. سىزچە بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب نىمە؟ 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە شۇنىڭدەك ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر خەلقىمىزگە قارىتىلغان بۇ چوڭ قىرغىنچىلىقلاردىن خەلقىمىزنىڭ قەھرىمان، قورقماس روھىغا ئاپىرىن ئېيتىش، شېھىدلىرىمىزنى شەرەپ بىلەن ياد ئېتىش بىلەن بىرگە، بۇ ۋەقەلەردىن قانداق ساۋاقلارنى ئېلىشىمىز لازىم؟ ھازىرقىدەك ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق خەلقىمىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن بىر شارائىتتا دۈشمەننىڭ قىلتاقلىرىغا چۈشۈپ بىھۇدە قۇربانلىقلارنى بەرمەسلىكىمىز ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز