سىياسەت سەھنىسى 11-سان


دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسىنىڭ ئەزىز ئاڭلارمەنلىرى، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ11-سانىغا خۇش كەلدىڭلار.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، خىتاي ۋەزىيىتى، شۇنداقلا خەلقئارا قىززىق نوقتىلار ئۈستىدە سۆھبىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بۈگۈنكى سۆھبەتدىشىمىز:
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى.

ئۆتكەن ئايدا تۈركىيەنىڭ “ زەيتۇن شىخى“ ئافرىن ئۇرۇشىنى قىزغىن قوللاپ، 500 دىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ ئەسكەرلىككە تىزىملاتقانلىقى تۈركىيە مىدىيالىرىدا ئالقىشلانغان ئىدى. 2- ئاينىڭ 2- كۈنى خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغان مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستانلىقلار چوڭ كۆلەملىك توپلاندى. 5- فېۋرال بولسا يەنە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرەلەش ئۈچۈن ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا شەرقى تۈركىستانلىقلار زور كۆلەملىك نامايىش قىلىپ، خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىمۇ قورقۇتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ بىر نەچچە پائالىيەتلەرنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا، دەۋايىمىزنىڭ خەلقئارالىشىشغا قانداق ئىجابىي تەسىرى بار؟ سىزنىڭچە 5-فېۋرالدىكى نامايىشلار كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلىدىمۇ؟ پايتەخىت ئەنقەرەدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا نامايىش رۇخسىتى بىرىشى نېمە ئۈچۈن؟ خىتاينىڭ ئاڧرىندىكى كۇردلارنى قوللىشى بىلەن باغلىنىشى بارمۇ؟

7- فېۋرال، ئامرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خەۋەر قىلىشىچە، ش ئا ئە ت ئاڧغانىستاننىڭ بەدەخشان رايونىدا تالىبان ۋە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قۇراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ تالاپەت يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. بۇنىڭ ئالدىدا بىز خىتاينىڭ ئاڧغانىستاننى خىتاي- پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا تەكلىپ قىلغانلىقى ۋە تىرورلۇققا قارشى ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدۇق. ئۆتكەن ئايدا يەنە خىتاينىڭ قەشقەر چىگراسىغا تۇتىشىدىغان بەدەخشان رايونىدا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاساسلىق شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئامرىكا باشچىلىقىدىكى ش ئا ئە ت ئاڧغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىۋاتقان، خىتايمۇ چىگراسىنى قاتتىق قوغداپ سەددىچىن سىپىلى سالماقچى بولىۋاتقان بۇ مەزگىلدە ئامرىكىنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشى ئامرىكىنىڭ ئاڧغانىستاندىكى تەسىر دائىرىسىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ ياكى شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى خىتاي چىگراسىغا قوغلاش ئۈچۈنمۇ؟ شى ئا ئە ت نىڭ ئاڧغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىش سەۋەبى نېمە؟

9- فېۋرال، ئامرىكا دىڭىز ئارمىيە گىنىرالى خارىسنى ئاۋستىرالىيەگە باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلىدى. ۋال كوچىسى گىزىتى يەنە 9- ڧىۋرالدا ئامرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي قوشۇنىنى ئازايتىپ، شەرقى ئاسىياغا يۆتكىمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ خىتاينى تولىمۇ بىئارام قىلغانلىقى مەلۇم. گىنىرال خارىسنىڭ ئاۋىستىرالىيەگە باش ئەلچى بولۇپ تەيىنلىنىشى ئامرىكا، ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستاندىن تەشكىللەنگەن ھىندى- تىنىچ ئوكيان ئىستىرادىگىيەسىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن؟ سۈرىيە ۋەزىيىتى ھىلىھەم جىددى ئەھۋالدا، ئامرىكا راستىنلا ئوتتۇرا شەرقتىن چىكىنىپ چىقىپ، شەرقى ئاسىيا ۋە جەنۇبى دىڭىز رايونىدا قوشۇن كۆپەيتەرمۇ؟ بۇ ئىستىراتىگىيە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا نېمىلەرنى مەقسەت قىلىدۇ؟

2017- يىلى 6- ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرىتسىيەنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەيىبلەشنى ئەمەلدىن قالدۇردى.شۇ يىلى 11- ئاي چۇرامپ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆزلىمىگەن ئىدى. 8- يانۋار فىرانسىيە پىرىزدىنتى ماكرون خىتاينى زىيارەت قىلغاندىمۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى. 31- يانۋار ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تىرىسا خانىم خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا ئوخشاشلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى. 7- ڧىۋرال گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالىكساندىر خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقى مەلۇم. يىقىندا يەنە خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتنى چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاپ، زورلاپ پانۇس ساتقانلىقى، خىتايلار تەييارلىغان بەنشرنى يىيىشكە قىستىغانلىقىنى قازاق قىرىنداشلىرىمىز ئاشكارىلىدى. دۇنيا خىتاينىڭ كۈنسىرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشى، گوللاندىيە پادىشاھىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى نېمە سەۋەبتىن؟ شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كىرەك؟

يىقىندا 2017 يىقى- يىلى تايلانت تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققان 20 نەپەر ئۇيغۇردىن، 11 نەپەر كىشىنىڭ مالايسىيەدە تۇتۇلۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي بولسا بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مالايسىيەنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە مالايسىيە خەلقئارا بىسىمغا قارىماستىن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بىرەرمۇ؟ ئۇلارنى ساقلاپ قىلىش خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق بولىۋاتامدۇ؟ مۇھاجىر شەرقى تۈركىستانلىقلار مالايسىيەدىكى قىرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىشى كىرەك؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز