سىياسەت سەھنىسى 15-سان


دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت

مەسئۇل مۇھەررىر: تۇنيۇقۇق
رىياسەتچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

1 – سوئال: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەكلىپى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئون ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، 2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 27- كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىرۇسسىلدىكى، ياۋروپا پارلامىنت بىناسى ئالدىدا 5000 كىشىلىك نامايىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى. بۇ نامايىشنى 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت نېمە؟ بۇ بىرەر مۇھىم كۈنمۇ قانداق؟

2 – سوئال: يېقىندىن بۇيان، خىتتاينىڭ ۋەتەندىكى زۇلۇملىرىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى بىلەن بىرگە، بىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق دەۋاسىدىكى قىزغىنلىقىمىز، نامايىشقا قاتنىشىش، مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلىش ئىستەكلىرىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. نامايىش ئەلۋەتتە مۇھىم، نامايىش بىزنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىمىزنى، زۇلۇمغا قارشى كەسكىن مەيدانىمىزنى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى سۇنماس ئىرادىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ماختاشقا تېگىشلىك ياخشى ئەھۋال. ئەمما مەسىلە شۇكى، ڧاشىسىت خىتتايلارغا قارشى نارازىلىقىمىز ئاساسلىق نامايىشقا چىقىش ۋە شۇئار توۋلاش بىلەنلا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئاۋام ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، نامايىشقا چىقىش – چىقماسلىق ئەڭ مۇھىم مەسىلىدەك كۆرسۈتۈلۈپ، شەخسنىڭ خىتتاي زۇلۇمىغا قارشى ئويغۇنۇشى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى، مىللەت سۆيەرلىكى نامايىش ئارقىلىقلا ئۆلچىنىدىغان بىر خاھىش شەكىللەندى. سىزنىڭچە بۇ خىل خاھىش توغرىمۇ؟ بىزنىڭ زادى نامايىشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمىگەچكە، بىزگە نامايىش قىلىش ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ قالدىمۇ ياكى نامايىشنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم رولى بارمۇ؟ ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان نامايىش قانداق رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە؟ بىز نامايىش ئارقىلىق قانداق رىئال مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۇق؟

3 – سوئال: مىللىي كۈرەشتىكى كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك، مەۋجۇتلۇق، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى دېگەن ئاتالغۇلار بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنى بىلدۈرەمدۇ ياكى بىر- بىرىدىن ئايرىم ئۇقۇملارنىمۇ؟ بىزنىڭ مىللىي دەۋايىمىز زادى قايسىسىنى ئەڭ ئالىي غايە قىلىدۇ؟ بۇ ئالىي غايىگە يېتىش ئۈچۈن قايسى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىشىمىز مۇمكىن؟ بىز ھازىر قايسى باسقۇچتا؟

4 – سوئال: 21 – فېۋرال، خەلقئارالىق ساقچىلار تەشكىلاتى ئىنتىرپول، سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىكى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى. دۇنيادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسىلا، ئىككىنچى چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلات، بىردىنبىر خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغان ئىنتىرپول سىزگە، 1997- يىلى خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ 21 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2018- يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. بۇ بۇيرۇقنىڭ بىكار قىلىنىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان سىز ئۈچۈن شۇنداقلا، پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق غەلىبە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ۋە ئىنتىرپولغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز! مۇبارەك بولسۇن!!!
خەلقئارالىق ساقچىلار تەشكىلاتى ئىنتىرپولنىڭ 2016- يىلى 11- ئايدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەئىسى مىڭ خۇڭۋىي بولۇپ، ئۇ يەنە خىتتاي جامائەت خەۋپسىزلىگى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتتايلار تېرورىست دەپ ئېلان قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنى سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىكى، ئىنتىرپولنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى بولغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ، ئىنتىرپولدا خىتتاي رەئىسى ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئىنتىرپولدىن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تۇرۇپ، يەنىلا خىتتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەي، خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسى ۋە ئەھۋالىدىن دوكلات بېرەلىشىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبىدىن، سىز جەنۇبى كورىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ – كېلىشتە زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ئىكەنسىز. ئەمدى بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ سىزنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىڭىزگە قانداق قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز