سىياسەت سەھنىسى 17-سان


سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

3 – ئاينىڭ 6- كۈنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خانىم- قىزلار “ ۋىجدان كارۋىنى“ پائالىيىتىدە تۈركىيەنىڭ غەربى جەنۇبى تەرىپىدىكى سۈرىيە چىگرىسىغا يىقىن ھاتاي دىگەن جايغا يولغا چىقىپ، 8- مارت قايتىپ كەپتۇ.
ئارقىدىن 10- مارت “ ۋاپا قەدىمى“ پائالىيىتىگە ئاتلانغان شەرقى تۈركىستانلىق قىرىنداشلار ھاتايغا بىرىپ تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھال سوراش، قۇربانلىق قىلىش، قان تەقدىم قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بوپتۇ.
بۇ پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگۈچى ئورۇن قايسى؟ قانداق رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە؟

ۋاپا قەدىمى پائالىيىتىگە ئالاقىدار رەسىم ۋە ۋىدىيولار تورلاردا تارقالغاندىن كىيىن، كۆرۈرمەنلەر بىر قىسىم ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ ھەربىي ڧورما كىيىپ، قۇرال تۇتۇپ سۆزلىگەنلىكى، ئاياللارنىڭ قارا جىلباب ۋە قارا نىقاب بىلەن بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى. سىزنىڭچە ئەرلەرنىڭ ھەربىي ڧورما، ئاياللارنىڭ قارا جىلباب ۋە نىقاب بىلەن يۇقارقىدەك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى تۈركىيە ۋەزىيىتىگە ماس كىلەمدۇ؟ خەلقئارا نۇقتىدىن ئىيىتقاندا ئىجابىي تەسىر بىرەمدۇ ياكى سەلبىيمۇ؟

19- مارت گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستىردام شەھرىدە ”شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى“ قۇرۇپسىلەر، مۇبارەك بولسۇن! بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسمىدا ئىككى ئىسىم: شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرىستان دەپ قوللىنىلىشتا بىرەر ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ؟ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يىڭى قۇرۇلغان تەشكىلاتىڭلارنىڭ قانداق رولى بار؟ سىزنىڭ قانداق كونكىرىت پىلانلىرىڭىز بار؟ سىزنىڭچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈنىمىزدە ئەڭ جىددى قارىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە نېمە؟ مەۋجۇتلۇقمۇ ياكى مۇستەقىللىقمۇ؟

3-ئاينىڭ 15- كۈنى ئامرىكا بىرلەشمە ئاگىنتلىقى گىزىتى مۇخبىرى گىرىي شىخ ئىستانبۇلنىڭ ئىستىقلال كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ”بىر ئاۋاز بىر قەدەم“ نامايىشىنى خەۋەر قىپتۇ ۋە سىزنىمۇ زىيارەت قىپتۇ. خەۋەردە سىزنىڭ ياپونىيە، ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنى قوللايدىغان يىڭى كۈچلەرنى ئىزدەۋاتقانلىقىڭىزنى ئىيتىپتۇ. ئۇنداقتا سىز بۇ سەپەرلىرىڭىزدە قانداق يىڭى نەتىجىلەرگە ئىرىشتىڭىز؟ قايسى دۆلەت ياكى پارتىيەلەر ئۇيغۇر مۇستەقىللىق دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؟

3- تەشكىلات باياناتىدا ئۈچ كۈن جىددىي مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ۋەتەن – مىللەت ئازاتلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان خەلقئارالىق مەركىزى تەشكىلات قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىڭلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ تەشكىلات قانداق بىر جىددىي زۆرۈرىيەت ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقتى؟ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان باشقا تەشكىلاتلار بولمىغىنى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇ تەشكىلاتلار خەلقئارالىق تەشكىلات بولمىغىنى ئۈچۈنمۇ؟ تەشكىلاتىڭلارنىڭ خەلقئارالىق مەركىزى تەشكىلات بولۇش نىشانى بار ئىكەن، مەركىزى تەشكىلات بولغان ئىكەن ئۇنىڭ يەنە مەركەزگە قاراشلىق تەشكىلاتلىرىمۇ بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتقا قارايدىغان قايسى تەشكىلاتلار بار؟

4- مەزكۇر خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، سىزنىڭ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئۇيغۇر مۇستەقىل دۆلىتى قۇرماقچى بولغانلىقىڭىز، بۇ ھەرىكەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن يىرا تۇتىدىغانلىقىڭىز ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقى، خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىيتىپسىز. بۇ سۆزىڭىزنىڭ بىرەر ئىلمىي پاكىتى بارمۇ؟ مۇشۇ سۆز بويىچە ئىيىتقاندا رابىيە قادىر خانىم رەئىس، سىز مۇئاۋىن رەئىس بولغان مەزگىلدىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلامتى؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز