سىياسەت سەھنىسى 18-سان


دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 18 – سانىغا خۇش كەلدىڭلار. مەن پروگرامما رىياسەتچىسى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر
بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز، نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتى ۋە خىرىسلىرى ھەققىدە بولىدۇ.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، پروگراممىمىزغا تەكرار خۇش كەلدىڭىز.

1. ھىندىستان سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى پروفېسسور كارنادنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىندىستاننىڭ ۋېيتنام، فىلىپپىن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى «براخموس»، «ئاگنى-1» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن تەمىنلەپ، خىتتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى سۈنئىي ئاراللىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى، تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، كەشمىرنى تەيۋەن ۋە تىبەت بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان كوزۇرىنى قوللىشى، موڭغۇلىيەدە ھەربىي بازا قۇرۇشى قاتارلىق تەدبىرلەر، خىتتايغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ دەپ قارىغان. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

2. 5- ئاپرېل كۈنى ھەرقايسى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا < ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.> ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. كۈزەتكۈچىلەر، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا، خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقى ئەھۋاللارنى تاشقىي دۇنياغا قانداق يوسۇندا ئاڭلىتىشىغا باغلىق دەپ قارىماقتا. سىزنىڭچە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ تەكلىپى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بىرەر ياخشىلىنىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنمۇ؟ سىز بۇ ھەقتە قانداق قارايسىز؟
3.ئامېرىكا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتىلەردە تىبەتكە 2018 – يىللىق ياردەم پۇلىنى 17 مىليۇن دوللار دەپ تەستىقلىدى، بۇ قېتىمقى پۇلنىڭ سوممىسى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ، بۇ ئەلۋەتتە تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن كۆپ مەدەت بولىدىغان بىر ئەھۋال. ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى، 2018 – يىلى 10 – ئايدىن باشلاپ تىبەتكە بېرىدىغان ياردەمنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئەمما، 10 – ئاي كەلمەستىنلا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئاۋۋالقى يىللاردىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىدىغانلقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن تىبەتكە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى؟ بۇنىڭ خىتتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «سودا ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىۋاتقان سۈركۈلۈشلەر بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟ 2017 – يىلدىكى ستىفېن باننوننىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىن بىز، ئامېرىكىنىڭ خىتتايغا قارشى بارلىق كۈچلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىمىزدە تەھلىل قىلغانىدۇق. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارمۇ خىتتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ بىرى
بولۇش سۈپىتىدە، ئامېرىكا بىلەن رەقىبداش، تىبەت بىلەن تەقدىرداش بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ قوللاش ئوبيېكتى بولۇش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشتا قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز