سىياسەت سەھنىسى 19-سان


رۇقىيە تۇردۇش بىلەن سۆھبەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 19- سانىغا خۇش كەلدىڭلار. يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن ھەر خىل تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتتاي، ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلىفون ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى كىملىكى، پاسپورتى، ئۆيىنىڭ ۋە ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇنلىرىنىڭ ئادرىسى، پوچتا نومۇرى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئېنىق يۈز كۆرۈنۈشى بولغان رەسىم قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۆزلىرىگە يوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، بىر قىسىم قېرىنداشلار بۇ خىلدىكى تەھدىتلەرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن رايىشلىق بىلەن ئۆز ئۇچۇرلىرىنى خىتتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تەمىنلەپ بەرگەن. چۈنكى، خىتتاي تەرەپ بۇ كىشىلەرنى، ئۆزلىرى سورىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىگەندە ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا، ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنى تەربىيىلەش لاگىرلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە قامايدىغانلىقى ۋە باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان. بىز بۇ ھەقتە گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئۇچۇر ئىگىلەش ئارقىلىق، مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانلارنىڭ ئالدى بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىشى، ئاندىن كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. شۇنداقلا بۇ ھەقتە پۈتكۈل گوللاندىيە جامائەتچىلىكىگە جىددىي ئۇختۇرۇش چىقاردۇق. ئۇختۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر رادىئومىزغا ئۆزلىرىنىڭ خىتتايدىن تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىيۇ ئەمما، بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ نۆۋەتتە، يالغۇز گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس بەلكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ سان پروگراممىمىزدا بىز، <چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشى ۋە خەلقئارالىق قانۇن ساۋاتلار > دېگەن تېمىدا كانادادىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز. ھۆرمەتلىك رۇقىيە تۇردۇش خانىم پروگراممىمىزغا خۇش كەلدىڭىز.

يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ھازىر، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ. سىزچە بىز بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزىمىز قانداق قوغدىيالايمىز؟ بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

2. خىتتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەھدىت تېلىفونلىرى ياكى باشقا ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى قانۇن ئورگانلىرى ئىسپات سۈپىتىدە قوبۇل قىلامدۇ؟ ئەگەر بۇ ماتېرىياللار قانۇنلۇق ئىسپات بولالىسا بۇنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنى قوغداش شۇنداقلا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشتا قانداق رولى بولۇشى مۇمكىن؟

3. بىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا دائىم <خەلقئارالىق سوت>، <ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت>دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئۇچرىتىمىز، ھەتتا 2013- يىلى خىتتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىننى ئىسپانىيە خەلقئارا سوتىنىڭ <ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان> دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بولغان. ئۇنداقتا خەلقئارالىق سوت دېگەن ئۇقۇم ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت دائىرىسىگە قانداق جىنايەتلەر كىرىدىغانلىقى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

4. بىزدە ۋەتەندىن پاكىت – ئىسپاتلارنى توپلاش ئاسانغا توختىمايدىغان، ۋەتەن ئىچى بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى كاپالىتىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، خەلقئارادىكى سۈكۈت بىزنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. سىزچە بىز ئۆز دەردىمىزنى خەلقئاراغا يېتەرلىك يوسۇندا ئاڭلىتالمايۋاتامدۇق ياكى خەلقئارالىق ئەرز – شىكايەت قىلىشنىڭ يولىنى بىلەلمەيۋاتامدۇق؟ بىز خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى قانداق قىلغاندا خەلقئارالىق سوتقا ئېلىپ چىقالايمىز؟

5. پۈتۈن دۇنيادىكى 23 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە، ئامىرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستېرى ۋە مالىيە مىنىستېرىغا 15 پارچە كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى تەرۇز قىلغان دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرغان بولۇپ، ئامىرىكىنىڭ <دۇنيا ماگېنىسكىي كىشىلىك ھوقۇقنى سۈرۈشتە قىلىش قانۇنى> بويىچە بۇ دېلو ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە جازالىشىنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە بىر خىتتاي ئەمەلدارنىڭ بۇ قانۇن بويىچە جازالانغانلىقى مەلۇم. ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقساق، <دۇنيا ماگېنىسكىي كىشىلىك ھوقۇقنى سۈرۈشتە قىلىش قانۇنى> دېگەن قانداق بىر قانۇن؟ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرى مىسلىي كۆرۈلمىگۈدەك دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىپ ھەتتا، ئىرقىي يوقىتىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ قانۇندىن قانداق پايدىلىنالايمىز؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز