سىياسەت سەھنىسى 20-سان



دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 18 – سانىغا خۇش كەلدىڭلار. مەن پروگرامما رىياسەتچىسى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى.

ئامېرىكا – خىتتاي مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەتتە، 12- ئاپرىل خىتتاي جەنۇبى دېڭىزدا دۆلەت قۇرغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ھەربىي پاراتنى ئۆتكۈزدى. خىتتاي روسىيەدىن سېتىۋىلىپ، يېڭىلاپ ياسىغان لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىسى بىلەن جەنۇبى دېڭىزدا ھەيۋە كۆرسەتكەن بولدى. ئەمما، ئوخشاش ۋاقىتتا خىتتاي جەنۇبى دېڭىز رايونىدا، روزىۋىلىت ناملىق ئاۋىياماتكا باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىمۇ ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزگەن، ئىككى تەرەپ ناھايىتى يېقىنلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئەسلى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن خىتتاي ھەربىي پاراتى يەنە ئەسلى پىلاندىكىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئاياقلاشقان. خىتتاينىڭ باشتا ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، كېيىن كېچىكتۈرۈپ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشى، ئامېرىكا ئاۋىياماتكىلىرىنىڭ جەنۇبى دېڭىزدا ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇشى ھەتتا، ئۆزىنىڭ ھەربىي پاراتلىرىنى ئالدىنئالا ئاياقلاشتۇرۇشى نېمىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟ خىتتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدا پەيدا قىلغان سۈنئىي ئاراللىرى جەنۇبى دېڭىز ئىستىراتىگىيەسىدە قانداق رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە؟

7- ئاپرىل، سۈرىيە ھۆكۈمىتى شەرقى غوۋتەنىڭ دۇما كەنتىدە يەرلىك ئۆكتىچىلەرگە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ، 40تىن ئارتۇق خەلقنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ڧىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيە ۋە سۈرىيەنى قوللاۋاتقان ئىران ۋە روسىيەنى ئەيىبلىگەن، خىمىيەلىك قورالغا قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دېگەندەك ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ڧىرانسىيە 13- ئاپرىل كەچتە سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال تەتقىق قىلىش، ساقلاش، باشقۇرۇش بازىسىدىن ئىبارەت ئۈچ نىشانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، دەل جايىغا تەگكۈزگەن. روسىيەنىڭ ناملىق ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ بومبىسىنى توسۇشتىن ئاجىز كەلگەن. بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوغداۋاتقان روسىيە بولسا ئامېرىكا سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلسا، قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانغىنى يوق. ئامېرىكا سۈرىيەدىن 2000 نەپەر ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان، خىتتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشكەن مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ يەنە روسىيە بىلەن قېرىشىپ سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟ ئامېرىكا خىتتاي ۋە روسىيە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇشۇپ قېلىشتىن قورقمامدۇ؟ ئۆتكەن يىلى سۈرىيەنىڭ چەكلەنگەن خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشىگە بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتقان خىتتاي بۇ يىل نېمىشقا روسىيە ۋە سۈرىيەگە يان باسىدۇ؟ ئامېرىكا راستىنلا سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقامدۇ؟

18- ئاپرىل، تىرامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مايك پومپىيو شىمالىي كورىيەنى مەخپى زىيارەت قىلغان، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. يېقىنقى بىر ئىككى ئاينى ئەسلىسەك، 3- ئايدىن بۇيان كىم يۇڭئۇن بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ ئاۋال 8-مارتتا كورىيەنىڭ ياراشتۇرۇشى تۈرتكىسىدە تىرامپ بىلەن 5-ئايدا كۆرۈشمەكچى بولغان ئىدى. ئارقىدىنلا 25- مارتتا، شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭدا مەخپى زىيارەتتە بولدى. ئەمدىلىكتە يەنە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كۆڭۈللۈك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ يۈرۈپتۇ. كىم يۇڭئۇن ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەپ، يادرو قورال مەسىلىسىنى يەنە ئارقىغا سوزۇش مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ تىرامپ ئاۋامنىڭ يادرو قورالى دەپ نام ئالغان خىمىيەلىك قورال مەسىلىسىدە ناھايىتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنلا ، ھەقىقى يادرو قورال ئىگىسى كىميۇڭئۇنغا ئەلچى ئەۋەتتى. سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورالىغا قارشى جازا ھۇجۇمى شىمالىي كورىيەگە قانداق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟

شى نىڭ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىشى نىمە سەۋەبتىن ؟ رايون مەسىلىسى دېگەندە قانداق مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلغان ؟ بۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئامېرىكا
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سۆرەپ چىقىشى بىلەن باغلىنىشى بارمۇ قانداق ؟

ئەردوغان بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىدە سۆزلەشتى دەپتۇ ،نىمە ئۈچۈن ؟ بۇ جەھەتتە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ پىكىر ئورتاقلىقى يوق ئىدىغۇ ؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز