سىياسەت سەھنىسى 21-سان


دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 21 – سانىغا خۇش كەلدىڭلار. مەن پروگرامما رىياسەتچىسى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

بۇ ھەپتىلىك سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ ئەزىز مىھمىنى
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى.

1. سالام ئەركىنكا پروگراممىمىزغا خۇش كەلدىڭىز، بۈگۈن سىز بىلەن نۆۋەتتە
خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە خىتاي ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان يېڭى ۋەقەلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغىنىمىزدىن خۇشالمىز. بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال خىتاينىڭ مىڭە كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغانلىقى ھەمدە بۇ تېخنىكىنىڭ ئادەم مېڭىسىنى تېزگىنلەش ۋە كەيپىياتنى بىلىپ تۇرۇشتەك ئىقتىدارلىرى بارلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى، بىز بۇ خەۋەر ئاساسىدا خىتاي ئىچىدىكى بىر قىسىم مېدىيالارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن بۇ خىل مىڭە كونترول قىلىش سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئوننەچچە زاۋۇتلاردا ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى ۋە بىر قىسىم زاۋۇت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ خىل تېخىنىكا ئارقىلىق ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ يۇقىرى ئىقتىسادىي كىرىم قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولدۇق. ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇنداق بىر مىڭە كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىشى راستتىنلا كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى ئالدىن بىلىپ، ئالدىن تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن ۋە ياكى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلىمۇ؟ بىز ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ مىڭە تەتقىقاتىغا دائىر بىر قىسىم كەشپىياتلىرى ۋە مېڭە ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەنىڭ بىر جەسەت ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىپ غەلىبىلىك تاماملانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئاممىۋىي ئاخپارات ۋاسىتىلىرىدا ئاڭلاپ كەلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ مەلۇم بىر ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ <مىڭە غولىنى بىرلەمچى زىيانغا ئۇچرىتىپ ئۆلتۈرۈش تېخنىكىسى>نىڭ خېلى يىللار بۇرۇنلا ئىجاد قىلىنىپ ، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇ خەۋەرنىڭ خەلقئارادا خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قارىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ھەم ئاڭلىدۇق. سىزچە خىتاينىڭ مىڭە تەتقىقاتى ساھەسىگە بۇنچە كۈچەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بۇ ھەقتە قاراشلىرىڭىزنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشقان بولسىڭىز، رەھمەت.

2. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ماجرالىرى كەسكىن داۋام قىلماقتا. ئۆزەك پىلانستىنكا ۋەقەسىمۇ خىتاينى خېلى ساراسىمىگە سالدى. بۇ ئىشلارغا ئۇلاپلا ترامپ خىتاي بىلەن بولغان سودا ماجراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى خىتايغا بۇ ھەپتە ئەۋەتىدىغان بولدى. لېكىن بۇ قېتىملىق سۆھبەت خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مۇرەككەپ سودا ماجرالىرىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈمى بولارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆزەتكۈچىلەرمۇ ھەر خىل قاراشتا بولماقتا. ئەركىنكا سىز بۇ ھەقتە قانداق قارايسىز؟

3. فرانسىيە پرېزدېنت ماكرون يېقىندا ھىندى تېنچ ئوكيان رايونلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى تەسىرىنى ئازايتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھىندى تېنچ ئوكيان رايونلىرىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنداقتا خىتاي نىمە ئۈچۈن بۇ رايونلاردا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ؟ ماكروننىڭ بۇنداق بىر قارارنى ئېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نىمە؟

4. نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپتۇ. بۇ خەۋەر ھەقىقەتن پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا يېڭىدىن ئىلھام ۋە كۈچ بەخش ئەتتى. ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قېلىش ئىمكانىيىتىغا قانداق قارايسىز؟ بۇ تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ قانداق رېئال ئەھمىيىتى بار؟

5. خىتاي تۇيۇقسىز چارشەنبە كۈنى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يىنىڭ شىمالىي كورىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاڭ يىنىڭ ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپ بىلەن كىم جۇڭئېننىڭ كۆرۈشىشىدىن ئاۋۋال شىمالىي كورىيەگە ئىككى كۈنلۈك جىددىي زىيارەتتە بولىشىدىكى سەۋەب زادى نىمە؟ خىتاينىڭ ترامپ بىلەن ئىككى كورىيە رەھبەرلىرى بىلەن بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىنىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ ياكى بۇ يىغىن خىتايسىز داۋاملىشارمۇ؟ ۋاڭيىنىڭ بۇ سەپىرى مۇشۇ يىغىن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بارمۇ قانداق؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز