سىياسەت سەھنىسى 23-سان


دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 23 – سانىغا خۇش كەلدىڭلار. مەن بۇ پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر. قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىز بۇ سان پروگراممىمىزدا، يېقىنقى دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدە، رادىئومىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى، تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رادىئومىزغا خۇش كەلدىڭىز.
1. سوئال:
8 – مارت، تىرامپ ئەسلى پىلانىدىن 4 كۈن بۇرۇن ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىسرائىلىيە ئامېرىكىغا ئىراننىڭ يوشۇرۇن ھالدا يادرو تەجرىبىسى قىلىۋاتقانلىق دوكلادىنى سۇنۇشى ئىكەن. ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىراننىڭ جولان ئىگىزلىكىگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراننىڭ سۈرىيەدە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىنىڭ ئىسرائىلىيەنى بىئارام قىلغىنى ھەممىگە مەلۇم. ئامېرىكا ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتتاي ۋە روسىيە نېمىشقا ئىران يادرو كېلىشىمىنى داۋاملىق قوغدىماقچى بولىدۇ؟ ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققان ھامان، ئىران ھەربىي قىسىملىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشىدا بىرەر ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ قانداق؟ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىشى مۇمكىنمۇ؟

2. سوئال:
14 – ماي قۇددۇستا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىلغانلىقى جاكارلاندى. ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسقا كونسۇلخانىسىنى يۆتكەش لاھىيەسى 1995- يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 124 دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن رەت قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كونسۇلخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەپ كەلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقئارادا مىللەتچىلىك، ئىرقچىلىق، دىنىي كۈرەشلىرىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشى، ھەتتا ئۇرۇش پارتىلىشى مۇمكىن. تۈركىيە، ئىران، سۈرىيە،روسىيە، خىتتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى بىرلىكسەپنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت قارشىلىقى، ئىسلام دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى ئويلاشماستىن قاراملىق بىلەن كونسۇلخانا يۆتكىشىدىكى ئىشەنچ قەيەردىن كەلگەن؟ ئامېرىكا ھەقىقەتەن پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ۋاستىلىق رولىنى ياۋروپاغا تارتقۇزۇپ قويۇشتىن قورقامدۇ ياكى يەھۇدى لوبىلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقامدۇ؟

2. سوئال:
10 – ماي، مالايسىيادا 92 ياشلىق ماھادىر مۇھەممەد ئەپەندى باش مىنىستىرلىككە سايلانغان ھامان، سابىق باش مىنىستىر نەجىپ ئەپەندىنى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەپ، تەكشۈرۈشكە باشلىدى ۋە چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىدى. سابىق باش مىنىستىر نەجىپ ئىلگىرى خىتتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىراتىگىيىسى زور سوممىلىق مەبلىغىنى قوغلىشىش نەتىجىسىدە چىرىكلىك، مۇستەبىتلىكنى قانات يايدۇرۇپ، مالايسىيانى مۇنقەرز قىلىدىغان كېلىشىمنامىلەرگە ئىمزا قويغان دەپ ئەييبلەنمەكتە. ماھادىر ئەپەندى باش مىنىستىر بولۇپ 5 كۈن ئىچىدىلا خىتتاي كارخانىلىرى مەبلەغ سالغان بارلىق تۈرلەرنى قايتا كېڭىشىش، تەڭسىز كېلىشىملەرگە قايتا قارار چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتتاينىڭ مالايسىيادىكى ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىنى ئىشتىن توختىتىپ قويغان. سىرىلانكا، لائوس، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىن مالاككا بوغۇزىغا جايلاشقان مالايسىيانىڭمۇ يىپەك يولى ئىستىراتىگىيىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈشى يىپەك يولى ئىستىراتىگىيىسىگە قانداق قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ خىتتايلار مەبلەغ سالغان مەزگىلدە مالدىۋ، سىرىلانكا، مالايسىيالارنىڭ ھەممىسىدە چىرىكلىك، مۇستەبىتلىك ئەۋج ئالغان. خەلقئارا جەمئىيەت خىتتاينىڭ بۇ خىل سودا مەدىنىيىتىگە يېتەرلىك دىققەت قىلىۋاتامدۇ؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز