سىياسەت سەھنىسى 24-سان


ئۆمەر قانات ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىدا رادىئوسىنىڭ مۆھتىرەم ئاڭلارمەنلىرى،سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 24-سانىغا خۇش كەلدىڭلار. بۈگۈن بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىمنى رادىئومىزغا تەكلىپ قىلدۇق. بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئامېرىكا – خىتتاي سودا ماجرالىرىدىن كېيىنكى بىرلەشمە باياناتىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۆمەر قانات ئەپەندىم، پروگراممىمىزغا خۇش كەلدىڭىز.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ تارقىتىلىشقا باشلىدى، شۇنداقلا بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتلىرى شۇنداقلا سىزنىڭ چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىڭىز ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدۇق. ئەلۋەتتە بىز ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاجمىز. ئۇنداقتا ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

2. 21- ماي كۈنى ﺑﯩﺮلەشكەﻥ ﺩﯙلەتلەر ﺗﻪشكىلاﺗﯩﻨﯩﯔ نېۋﻳﻮﺭكتىكى مەركىزﯨﺪﻩ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭلقۇﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ خىتتاي ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭلىرﻯ بىلەﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯦﻤﻮكرﺍﺗﯩﻚ ﺩﯙلەتلىرﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪتكە ﺳﻮﺯﯗلغان كەسكىن ﺩېپلوماﺗﯩﻚ ﺟﻪﯓ ﺑﻮلۇﭖ ﺋﯚتكەن. خىتتاﻱ ﺩﻭلقۇﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ تېرورىست، ﺑﯚلگۈﻧﭽﻰ، خىتتاﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜنلۈككە ﺗﻪھدﯨﺖ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭكىستاﻥ ﺩﯙلىتى ﻗﯘﺭماﻗﭽﻰ … ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺒﺎﺭىلەﺭ بىلەﻥ ﺋﻪيىبلەﭖ چىققان ۋە ﺩﻭلقۇﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ھىماﻳﻪ قىلغاﻥ ﺋﺎمېرىكا، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺑﯩﺮلىكى ﯞﻩ ﮔﯧﺮماﻧﯩﻴﻪ قاتارلىق دۆلەتلەرگە ﻧﺎﺭﺍﺯىلىق بىلدﯛﺭگەن. سۆھبەت جەريانىدا كۇﺑﺎ، ﺋﯩﺮﺍﻥ، ﭘﺎكىستاﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭلىق ﺩﯙلەتلەﺭ خىتتاﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ تۇتقان بولۇپ، خىتتاﻳﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺷﻪﺭمەندىلىكىنى، خىتتاﻳﭙﻪﺭﻩﺳﺖ ﺋﻪللەﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺯىللىكىنى ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪللىرﯨﻨﯩﯔ خىتتاﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ كەسكىن مەﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩىلىگەﻥ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭلقۇﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﺮلەشكەﻥ ﺩﯙلەتلەﺭ ﺗﻪشكىلاﺗﯩﺪﺍ خىتتاﻱ بىلەﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪللىرﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ھاﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ كۆرۈلۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ مۇناسىۋەتلىك ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺩېپلوماﺗﯩﻚ ﺳﯜﺭكىلىشكە ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮلغان. مەسىلە ﺑﯘﻧﯩﯔ بىلەﻧﻼ ئاخىرلىشىپ قالماستىن بەلكى يەنە، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭكىستاندىكى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯىلىۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯗلۇﻡ ﯞﻩ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮلىرﻯ مەسىلىسىمۇ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭغا كۆتۈرۈپ چىقىلغان، سىز بۇ سۆھبەتنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز، رەھمەت

.
3. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكا خىتتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى سۈركۈلۈشلەرنىڭ سودا ئۇرۇشى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى ۋە كەسكىن تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن تۇيۇقسىز ئېلان قىلىنغان ئىككى تەرەپ بىرلەشمە باياناتى بىلەن ئامېرىكا خىتتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ ۋاقىتلىق ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئامېرىكا بۇ قېتىم خىتتايغا يول قويدى دەپ قارىغان بولسا، يەنە بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەر خىتتاي ئامېرىكىغا ئۇتتۇردى، چۈنكى خىتتاي سودا پەرقىنى كېمەيتىش ۋە ئامېرىكىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەردى دەپ قارىدى. سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى رادىئو ئالدىدىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلاشقان بولساق.
4. ئامېرىكا ئەسلىدە خىتتاينىڭ 2025 پىلانىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەمما بۇ قېتىملىق ئىككى تەرەپ بىرلەشمە باياناتىدا بۇ ھەقتە خىتتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئۇنداقتا ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن خىتتاينى 2025 پىلانىنى دەرھال توختىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇ زادى قانداق بىر پىلان؟ بۇ پىلاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئامېرىكا خىتتاي سودا ماجرالىرىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز