سىياسەت سەھنىسى 25-سان


غۇلام ئوسمان ياغما ئەپەندى بىلەن سۆھبەت.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار. سىياسەت سەھنىسىنىڭ 25 – سانىغا خۇش كەلدىڭلار. مەن پروگرامما رىياسەتچىسى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر بۈگۈن بىز يازغۇچى، پىشقەدەم ئىنقىلاپچى غۇلام ئوسمان ئەپەندىنى پروگراممىمىز تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. غۇلام ئوسمان ئاكىمىز گەرچە سالامەتلىگى ياخشى بولـمىسىمۇ، يەنىلا سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلىدى. ئەڭ ئاۋال، غولامكامنىڭ ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك، خىزمەتلىرىگە بەرىكەت، ۋەتەن- خەلقىگە ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەت تىلەيمىز! غولامكامنىڭ بىتاپ ۋاقىتلىرىدىمۇ رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

1- ئامرىكا ئۇيغۇر ياشلىرى چاقىرىق قىلغان 6- ئاينىڭ 4- كۈنى ئامرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىش چاقىرىقى تىزلا كۆپلەپ ئالقىشقا ئىرىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتتىكى ياشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئىرىشمەكتە. سىزمۇ ھەم يۇقارقى ۋىدىيودا سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز يار بەرسە شۇ نامايىشقا قاتنىشىش نىيىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى، بارالمىسىڭىزمۇ باشقىلارنى شۇ نامايىشقا كۈچەپ تەرغىپ قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپسىز. 4- ئىيۇل نامايىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ بۇ يىل ئىچىدە بىز بىر قانچىلىغان چوڭ نامايىشلارغا شاھىت بولدۇق، خەلقئارا مىدىيالاردا ئۇيغۇرلارغا كۆز قاراشلارنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىغا، ھىسداشلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا نامايىش ۋە يازما مۇراجەتنامە، دوكلات تەييارلاش، خەلقئارالىق سۆھبەتلەرگە قاتنىشىش قاتارلىق ئىشلارنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارايدۇ. سىز شۇنىڭغا ئوخشاش نامايىش ۋە خەلقئارا سۆھبەت ۋە يازما تەشۋىقاتلاردىن چەكلىنىۋاتقان، شەكلىنىۋاتقان كىشىلەرگە يەنە قانداق نەسىھەتلىرىڭىز بار؟

2- يىقىندا تورلاردا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتايچە توي كىيىمى كىيىپ، خىتاي بىلەن تويى بولىۋاتقانلىق توغرىسىدىكى قىسقا ۋىدىيو مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىگە پىچاق بولۇپ سانجىلدى. بۇ ۋىدىيو يەنە ئەلجەزىرە ڧىرانسۇزچە خەۋىرى، ئەرەب، تۈرك، خىتاي مىدىيالىرىدا ئورۇن ئالدى. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن مەجبۇرلاپ توي قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر گەرچە بۇندىن بۇرۇنمۇ ئاڭلانغان، رەسىملىك خەۋەرلەر چىققان بولسىمۇ، يۇقارقى ۋىدىيودىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ناھايىتى بىئارام جانلىق چىراي ئىپادىسى كۆپ غۇلغۇلا قوزغىدى. تورلاردا بىر ئىش قىلىش، ھەرىكەتكە ئۆتۈش، قۇراللىق ئارمىيە قۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىقلار كۆپ بولماقتا. ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمۇ:“ يىتىپ ئۆلگۈچە ئىتىپ ئۆلەي دەيمەن“ دىگەندەك چاقىرىق يازمىلارنى يازغان بولدى. سىزنىڭچە بىز ھازىرقى ۋەزىيەتتە قۇراللىق ھەرىكەتكە ئۆتۈش ياكى ئارمىيە قۇرۇش شارائىتىغا ئىگىمۇ؟ كەلگۈسى يىقىن مەزگىلدە قۇرالايمىزمۇ؟ سىزنىڭچە شەرقى تۈركىستانلىقلار بۇ ئار- نۇمۇس دەپسەندىچىلىكىگە قارشى قانداق قىلىشى كىرەك؟

3- يىقىندا سىز سۆزلىگەن “ ئىنقىلابنىڭ مونوپوللۇقى، سىناقلار، ياردەملەرنىڭ شەرتلىرى“ توغرىسىدا ماۋۇزسىدىكى بىر سائەتلىك تەسىرلىك ۋىدىيو قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتى ۋە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. مۇنازىرە قوزغىغان تېمىلاردىن بىرى ئىنقىلاپ مونوپوللۇقى بولماقتا. سىزنىڭچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىقى يولىدىكى دەۋادا ئىنقىلاپ مونوپۇللۇقىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى سەۋەب نىمە؟ لېكسىيىڭىزدە تىلغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە سىزنىڭ ئىنقىلاپ يولىدا ئۇچرىغان توسالغۇلىرىڭىز ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىزنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟

4- سىز 20 يىل ئاۋال يازغان شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق يولىدا ئىزدىنىش سەرلەۋھەلىك ماقالە كىتابلىرىڭىزدا شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنى يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقاتقا كۈچەش، دەۋا ئىقتىسادىدا مۇستەقىل بولۇش، چەتئەلدە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن مىللىي مائارىپقا كۈچەش قاتارلىق مەزمۇنلاردا چاقىرىق قىلغان ئىدىڭىز. 20 يىلدىن كىيىن بىز سىزنىڭ شۇ چاقىرىقلىرىڭىزنىڭ يەنىلا تۈزۈك ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، تەخىرسىز مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماقتىمىز. سىزنىڭ ھىس قىلىشىڭىزچە، 20 يىلدىن بۇيان شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىدا قانداق مۇۋەپپىقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟ قانداق ئەجەللىك خاتالىقلار يەنىلا ساقلانماقتا؟ نېمە ئۈچۈن قىسقا ئىيىتساق 20 يىل، ئۇزۇن ئىيتساق 70 يىللىق دەۋا كۆرەشلىرىمىزدە ھىلىھەم شۇ چاقىرىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز؟ بۇلارنى بۇلارنى تۈزەش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق ۋە قانچىلىك ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز