سىياسەت سەھنىسى 26 – سان


دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت

پروگراممىمىزنىڭ 26 – سانىغا خۇش كەلدىڭلار. مەن پروگرامما رىياسەتچىسى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر. قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىز بۇ سان پروگراممىمىزدا، يېقىنقى دۇنيا ۋە خىتتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە، رادىئومىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى، تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رادىئومىزغا خۇش كەلدىڭىز.

1. 5 – ئىيۇندىكى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا ھىندىستان ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي خىتتاي دېڭىز رايونىدا ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېقىندىن بۇيان خىتتاينىڭ غەرب ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى سۈنئىي ئاراللارنى ھەربىيلەشتۈرۈشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ قېتىم بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلىكتە مانىۋېر ئۆتكۈزۈشىنىمۇ ئېنىقكى خىتتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى قىلمىشلىرىغا بولغان ئىنكاسى دېسەك بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى ھەربىي مانىۋېرلارنىڭ خىتتاي ئۈچۈن قانداق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە قاراشلىرىڭىزنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشقان بولسىڭىز.

2. 3 – ئىيۇندا خىتتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىر پارچە بايانات بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى بىلەن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىمپورت مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما باياناتتا يەنە ئەسكەرتىپ، ”ئەگەر ئامېرىكا باجنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ خىتتاينى جازالىماقچى بولسا ئىككى تەرەپنىڭ سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ“ دېگەن. بۇ بايانات خىتتاي ئىچىدىكى خەلقلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ”خىتتاي خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش قانداق بولۇپ ئامېرىكىغا باغلىنىپ قالدى“ دەپ خىتتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەشكەن. لېكىن، رىئالىقتا بولسا ئامېرىكا خىتتايدىن %25 چېگرا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە بۇ قارار 15 – ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. ئۇنداقتا خىتتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن ۋە خىتتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ باج ئۆستۈرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بىر پەيتتە ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارنى ئېلان قىلىشى نېمە سەۋەبتىن؟

3. نۆۋەتتە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل ئۇسۇللاردا خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىمۇ ھەر خىل چوڭ كۆلەملىك نامايىشلار ھەتتا يەككە كىشىلىك نامايىشلارغىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بۇنداق ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن نامايىش قىلىمىز؟ نامايىشنىڭ رولى ۋە نامايىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن مىللەتلەرنىڭ مىساللىرى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن قاراشلىرىڭىزنى ئورتاقلاشقان بولسىڭىز، رەھمەت.

4. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك ئىسپات توپلاش، گۇۋاھلىق بېرىش، خىتتاينىڭ زوراۋانلىقلىرىنى پاش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە سەپەرۋەرلىك قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا يېقىندا مەشئەل گۇرۇپپىسىمۇ پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىغا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مەشئەل گۇرۇپپىسى نامىدىن يېزىلغان ئېنگلىزچە خەتنى پۈتۈن خەلقنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندى. سىزچە بۇ خىلدىكى پائالىيەتنىڭ قانداق ئەمەلىي ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن؟ سىزچە ئۆز ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىشنىڭ يەنە قانداق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى بار؟

5. دەۋا يولىدا ياشلارنىڭ رولى ھەققىدە قاراشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز