سىياسەت سەھنىسى 4-سان


يازغۇچى، ئۇستازىمىز غۇلام ئوسمان (ياغما) ئەپەندى،(كانادا) دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى،(تۈركىيە)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسىنىڭ ئەزىز ئاڭلارمەنلىرى، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 4-سانىغا خۇش كەلدىڭلار!

بۈگۈنكى سانىمىزدا <ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئىلىدىكى ئىچكى ۋەزىيەت> دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز.

بۈگۈنكى سۆھبەتداشلىرىمىز كانادادىن يازغۇچى، ئۇستازىمىز غۇلام ئوسمان (ياغما) ئەپەندى.
ۋە تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى.

قېنى دىققىتىڭلار سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.

غۇلام ئوسمان ئەپەندى- خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۆتمۈشتىن بۈگۈنكە قەدەر قايسى باسقۇچلارنى بۆسۈپ ئۆتكەن؟ يەنە قانداق تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن؟

2. ھۆرمەتلىك ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تورلاردا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە يۈز بىرىۋاتقان ھەرخىل ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەر، توقۇنۇشلار ھەتتا نامايىشلارنىڭ ۋىدىيولىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. خىتاي ھازىرقى ئىچكى ۋەزىيىتى ياكى كومپارتىيەنىڭ ئىچىدە قانداق داۋالغۇشلار بولىۋاتىدۇ؟ قايسى يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققى قىلىشى مۇمكىن؟

3. غولام ئوسمان ئەپەندى، ۋەتىنىمىزدىكى مەجبۇرى تۇغقانلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ خىتايلار بۇ سىياسەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنالامدۇ؟ سىز بۇ ھەقتە قاراشلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسىڭىز، رەھمەت.

4. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا دەھشەتلىك ئىكىسپالاتسىيە يۈرگۈزىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئاساسلىق كۈچىمىزنى قايسى ئىشلارغا قاراتساق تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ؟

5. غۇلام ئوسمان ئەپەندى، بۇ خىل ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشتە، خىتاي مىللەتچىلىك مەپكۇرىسىدىن باشقا يەنە قانداق ئامىللار بولىشى مۇمكىن؟

6. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، 18- دىكابىر ئامرىكا خىتاي بىلەن روسىيەنى ئاساسلىق رىقابەتچىم دەپ رەسمىي ئىلان قىلدى. شۇنداقلا يەنە خىتاي بىزگە ئىقتىسادى تاجاۋۇزچىلىق قىلدى دىدى. بۇ نېمىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇندىن كىيىن ئامرىكا خىتايغا قارشى ئىستىرادىگىيەدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەر خىتايدا قانداق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟

ھەر ئىككى ئۇستازنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجىرتىپ پروگراممىمىزنىڭ ئەزىز مىھمانلىرى بولۇپ بەرگىنىڭلار ئۈچۈن رادىئو ئاڭلارمەنلىرىمىزگە ۋاكالىتەن يەنە شۇنداقلار بارلىق خىزمەت خادىملىرىمىز نامىدىن سىلەرگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز،رەھمەت سىلەرگە!

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ بۇ سانلىق ئاڭلىتىشى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،دىققەت بەرگىنىڭلارغا رەھمەت. كېيىنكى ساندا كۆرىشەيلى خەير خوش!

سىياسەت سەھنىسى 4-ساندىكى ئىنكاسلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز