سىياسەت سەھنىسى 6-سان


دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسىنىڭ ئەزىز ئاڭلارمەنلىرى، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 6-سانىغا خۇش كەلدىڭلار.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا <ئىراندىكى نامايىشتىن دۇنيا ۋەزىيىتىگىچە >دېگەن تېمىدا نۆۋەتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز.

بۈگۈنكى سۆھبەتدىشىمىز سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ دائىملىق مىھمىنى تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى.

1- ھۆرمەتلىك ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، 2017-يىلىنى ئۇزىتىش ھارپىسىدا پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىراندىكى مۇستەبىت ھاكېمىيەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش باشلاندى. نامايىشقا قاتناشقۇچىلار سانى 300مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. دەسلەپتە مال باھاسىنىڭ زىيادە ئۆسۈپ كەتكەنلىكىگە قارشى باشلانغان نارازىلىق نامايىشى ئاقىۋەتتە ھاكېمىيەتكە قارشى نامايىشقا ئۆزگەردى، نامايىشچى خەلق ئىراننىڭ يېڭى پرېزدېنتى روھانى ۋە دىنىي رەھبىرى ھەمىدىگە قارشى ئۇلارنىڭ ھوقۇقىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىراننىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە قارىتىپ ئۆز خەلقىنىڭ ھال ئەھۋالى بىلەن كارى بولماسلىقى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. بۇ قېتىملىق نامايىشتا ئىران خەلقى ئىراننىڭ سىياسەت بىلەن دىن ئارلاشقان سىياسىي تۈزۈلمىسىگە قارىتا ئۈزۈل كېسىل قارشىلىق كۆرسىتىپ، بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكامۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ نامايىش ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشنى، ئىران خەلقىنىڭ نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنداقتا بۇ نامايىش ئىرانغا نىسبەتەن قانداق بىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلەلىشى مۇمكىن؟

2- ئىراننىڭ مۇستەبىت ھاكېمىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولىشى ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولغاندا بۇ ھەرىكەتنىڭ باشقا ئوخشاش تۈزۈمدىكى يەنى دىن بىلەن سىياسەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە قانداق تەسىرى بولىشى مۇمكىن؟

3- ئىراندىكى نامايىشقا نىسبەتەن خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتى 31-ئۆكتەبىر كۈنى <ئىران قالايمىقانلىشىپ كەتتىمۇ؟>دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدا ئىراندىكى بۇ نامايىش سەۋەبىنىڭ مال باھاسى ئۆسۈپ كەتكەنلىكىدىن بولغان بولسىمۇ كېيىن ھاكېمىيەتكە قارشى نامايىشىقا ئايلىنىپ كېتىشى سىرتقى كۈچلەرنىڭ كۈچكۈرتىشى ۋە يامان غەرىزىدىن بولغانلىقى، ئىران خەلقىنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنى ئېنىق تونۇپ، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئىراندىكى بۇ نامايىشنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاساسەن كونترول قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان. خىتاينىڭ ئىراندىكى بۇ نامايىشتا ئىران ھۆكۈمىتى تەرەپدارى بولۇشى، ئامېرىكانى ئاسترىتتىن ئەيىپلەشلىرى نىمە سەۋەبتىن؟ بۇ نامايىشنىڭ خىتاي بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟

4- خىتاي خەلق گىزىتى 2- يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يىقىنقى 13 يىلدىن بۇيان شەرقى تۈركىستان تارىم نىڧىتلىكىدىن 200 مىليارد كۇب مىتىرلىق تەبىئىي گازنى خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بۇ زور مىقداردىكى تەبىئىي گاز بىلەن خىتاي ئىچكىرىدىكى 120 شەھەر، 400 مىليون نوپوس، 3000 دىن ئارتۇق كارخانىنى تەمىنلەپتۇ. بىز دائىم خەلقئارا خەۋەرلەردە تەبىئىي گاز ۋە نىڧىت دىگەن سۆزنى تولا ئۇچرىتىمىز؟ ئۇنداقتا تەبىئىي گازنىڭ قانداق رولى بار؟ خىتاي مول تەبىئىي گاز بايلىقىغا ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق، يەنە سىرتتىن ئىكىسپورت قىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ خىتاي قايسى يوللاردىن تەبىئىي گاز توشۇيدۇ؟

5- شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا خەلقئارا قانداق پوزىتسىيەدە بولىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق دەۋاسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشنىڭ قانداق رىئال ئەھمىيىتى بار؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار قانداق ئىشلارنى قىلىشى كىرەك؟

قېنى دىققىتىڭلار سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز