سىياسەت سەھنىسى 7-سان


دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە دوكتور مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسىنىڭ ئەزىز ئاڭلارمەنلىرى، سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ 7-سانىغا خۇش كەلدىڭلار.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، خىتاي ۋەزىيىتى، شۇنداقلا خەلقئارا قىززىق نوقتىلار ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز

بۈگۈنكى سۆبەتداشلىرىمىز:

سىياسەت سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ دائىملىق مىھمىنى تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە سىتراتىگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى.
ئاۋىستىرالىيەدىن پىسخىلوگىيە دوكتورى: مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى شۇنىڭدەك شۆھرەت قازانغان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتچىسى خالمۇرات غوپۇرنىڭ نامەلۇم «سىياسىي سەۋەب» لەر تۈپەيلىدىن تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. سىز بۇ ئەھۋالغا قانداق قارايسىز؟ سىياسىي ساھە بىلەن ئانچە كۆپ ئالاقىسى بولمىغان تىببىي ساھەدىكى بىرەيلەننىڭ سىياسىي سەۋەب بىلەن تەكشۈرۈلۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم بىز يېقىندا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخپارات ۋاسىتىلىرىدىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا دۆلەت مەبلىغى بىلەن ھەر بىر ناھىيە شەھەرلەرگىچە تۈركۈملەپ <يىغىپ تەربىيىلەش مەركىزى教育转化中心> قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خېرىدار چاقىرغان ئۇختۇرۇشلىرىنى كۆپلەپ ئۇچراتتۇق. سىزچە بۇ خىلدىكى يېپىق تەربىيىلەش ئورۇنلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ زور مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشىدىكى سەۋەب نىمە؟ يىغىپ تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ماھىيىتى نىمە؟ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە ۋەتىنىمىزدە تەربىيىلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ نىسبىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10پرېسەنتىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، تەربىيىلەشكە ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشىدەك ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر يۈز بېرىۋاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنماقتا. زۇلۇم بۇ دەرىجىگە بارغاندا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئائىلە تاۋاباتلىرىغا قانداق ئۇسۇلدا ياردەم قىلالىشى مۇمكىن؟ بۇ زۇلۇم ھەققىدە خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرىغا ئەرز شىكايەت قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بارمۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 9-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇ باياناتنىڭ مەقسىدى نىمە؟ بۇ باياناتنىڭ خىتايغا بولغان تەسىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلمىنى يېنىكلىتىشتە قانداق رولى بار؟

مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم ھەممىمىزگە مەلۇم، دۇنيا ئىنتېرنېت ئۇچۇر دەۋرىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىنتېرنېت ئۇچۇر دۇنياسى كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋەت تورىدا زور يۈكسىلىشلەرنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر سىياسىي پائالىيەتلىرىدىمۇ ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارالىق سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان بولدى. مەسىلەن، گوۋېنگۈي ۋەقەسى، ئەرەب باھارى دېگەندەك نۇرغۇن ۋەقەلەر ئىنتېرنېت ئۇچۇر دەۋرى ئەۋزەللىكىنىڭ روشەن نامايەندىسى بولالايدۇ. شۇنداقلا، تۇنىستەك دۆلەتلەرنىڭ ئەرەب باھارى شامىلىدا ئەسلىدىكى مۇستەبىت ھاكېمىيەت تۈزۈمدىن دېمۇكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتكە ئايلىنالىشىدا ئەلۋەتتە ئۇچۇر دەۋرىنىڭ زور تۆھپىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلالايمايمىز. دەرۋەقە، يېقىندا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىنتېرنېت دۇنياسىدا خەلقئارالىق ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىدى. ئىگىلىشىمىزچە بۇ پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى قوللاش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋېتىپتۇ. ئۇنداقتا سىز بۇ خىلدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتىگە قانداق قارايسىز؟ ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئۇسۇللاردا خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەمدۇ؟ ئۇيغۇرلار سىياسىي ھەرىكەتلىرىدە ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ كۈچىدىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىز ئاۋۋالقى پروگراممىلىرىمىزدىمۇ خىتاي ئىقتىسادىدا ئېغىر كرېزىس يۈز بېرىدىغانلىقىغا دائىر سۆھبەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان بولساقمۇ لېكىن بۇ يىل ئىقتىسادىي كرېزىس يۈز بېرىشىگە دائىر مۇلاھىزىلەرنىڭ ھەممە يەرنى قاپلاپ كېتىشى، بىزنىڭ بۇ مەسىلىگىمۇ دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇردى. چۈنكى بۇ يىل كىرىشى بىلەن چەتئەلدىكى ھەر قايسى مېدىئالاردا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھالاك بولۇشىغا دائىر خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ نۇرغۇن سىياسىي تەھلىلچىلىرى ھەتتا خىتاي ئىقتىسادىدا ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە يىلدىلا ئېغىر كرېزىس يۈز بېرىدىغانلىىقىغا دائىرى ئارقا ئارقىدىن ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىلەن خىتاي ئاھالىلىرىنى بۇ ئىقتىسادىي كرېزىستىن قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇر بېرىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىز نىمە؟ خىتايدىكى ئىقتىسادىي كرېزىس ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئىقتىسادىي كرېزىستىن قانداق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك؟

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە مەمتىمىن ئەلا ئورتاق : 10-يانۋار كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئامېرىكىنىڭ مۇھىم تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىر بولغان ۋىلسون مەركىزى ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1957‏- ۋە 1958‏-يىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان «يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى ھەرىكىتى» توغرىسىدا بىر يۈرۈش تارىخىي ئارخىپلارنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور قىزىقىشلارنى پەيدا قىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ ئارخىپلاردا ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئەيسا، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوپ، زىيا سەمىدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم سەئىدى، ئەسئەت ئىساھاقۇف ۋە سەيدۇللا سەيپۇللايوفلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغان مۇستەقىللىق ئېلىش ئۈچۈن خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەشلىرى بايان قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئۇنداقتا بۇ ئارخىپلارنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىغا نىسبەتەن قانداق قارايسىز؟ ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا دائىر بۇ تارىخى ئارخىپلارنى خەلقئاراغا جاكارلاشتا نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟ يېقىندا ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار خەلقئارا مېدىئالاردا قايتىدىن قىززىق نوقتا تېمىلىرىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بۇ ئارخىپنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

7.ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋېرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ قەشقەر، غۇلجا، ئاقسۇ، تارباغاتاي، ئالتاي ۋە تۇرپان قاتارلىق 6بىۋاسىتە لېنىيىلىك ئايرۇپورتىنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىدىغانلىقى پىلان قىلىنغان ۋە بۇنىڭغا يانداش ھالدا يەنە 9دانە يېڭى ئايرۇپورت قۇرۇش تۈرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىۋاسىتە لېنىيەلەرنىڭ ھاۋا قاتناش – توشۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مۇشۇ بىر يىلدىلا 9ئايرۇپورت قۇرۇش ۋە 6ئايرۇپورتنى ئۆزگەرتىپ قۇرماقچى بولۇشى سىزچە نېمىنى مەقسەت قىلغاندۇ؟ بۇنىڭدا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئاتالمىش مۇقىملىقىدىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىشى سەۋەبمۇ قانداق؟
بۇ يىل 5-يانۋار شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا 4مىليارد 500مىليۇندىن يۇقىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ، تاشيول قۇرۇلۇشى، ئايرۇپورت، سۇ ئىنشائاتى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ تاماملايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەر بەرگەن. يۇقىرىدىكى ئايرۇپورت قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەر دەل بۇ خەۋەرنىڭ كەينىدىنلا چىققان بولۇپ، سىز بۇ خەۋەر مەزمۇنىغا نىسبەتەن قانداق قارايسىز؟ خىتاينىڭ بۇنداق كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر ساھە قۇرۇلۇشلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاماملىماقچى بولۇشى تەرەققىيات ئېھتىياجى سەۋەبلىكمۇ ياكى باشقا مەقسەت مۇددىئالىرى سەۋەبىدىنمۇ؟

مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى 2018-يىلى خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ دائىرىسىدىكى ئوقۇشلۇقلاردىكى تولۇقسىز ئۈچۈنچى يىللىقنىڭ جۇڭگو تارىخى دەرىسلىكىدىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى تارىخىنى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلىغان. خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارغىمۇ قوبۇل قىلغۇسىز چوڭ ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى دەرسلىكتىن پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىشى شۇنداقلا يېڭى تۈزۈلگەن دەرسلىك ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلاپچى، زور ۋەقە قاتارلىق سۆزلۈكلەرنى شۇنداقلا ماۋزېدۇڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ھەققىدىكى خاتالىقى تىلغا ئېلىنغان قىسىملىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلغان…….خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق تارىخنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققتىنى قوزغىدى ۋە كۆپ مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى. ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يېزىش ئادىتىىدىن ئۆز تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يېزىشقا ئۆتۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى سەرپ قىلىپ، پروگراممىمىزغا قاتنىشىپ بەرگىنىڭلار ئۈچۈن ئاڭلارمەنلىرىمىزغا ۋاكالىتەن شۇنداقلا پۈتۈن خىزمەت خادىملىرىمىز نامىدىن سىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۈرىمىزنى بىدۈرىمىز،رەھمەت سىلەرگە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز