تۈرمىدىن قېچىش 1-بۆلۈم


تايلانت تۈمىسىدىن قېچىپ،مالايسيادا تۇتۇلۇپ قالغان 11 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلەر رادىئو ئاڭلىغۇچىلار،
ھەممىمىز ۋەتەن تۇپراقلىرىدا شۇنداق بىر ياشاپ باقساق دەيمىز. قۇملىرىغا كۆمۈلۈپ، ئاپتاپلىرىدا قاقلىنىپ، ئەركەك سۇلىرىدا چۈمۈلۈپ، ھاۋاسىنى تويماي – تويماي سۈمۈرۈپ…
بىزگە بايلىقنىڭ كېرىگى يوق، ئەركىنلىگىمىز بولسا يېتەتتى دەيمىز، ئەمما، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەبئىي بايلىقلىرىمىز بېشىمىزغا بالايىئاپەت بولۇپ ئەركىنلىك نەدە، جېنىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەرەپ – تەرەپكە قېچىۋاتىمىز… شۇنداق، پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، تاجاۋۇزچى خىتتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، بىزنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلىرىمىزگە ئايلانغان كۈندىن باشلاپ، ھەممىمىز يۇرت – ماكانلىرىمىزنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولىۋاتىمىز. ئىمكانىيەتلىرىمىز يار بەرگەنلەر ئاسماندا قاچساق، ئىمكانىيىتىمىز يوقلارئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ پىيادە بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، قاتمۇ – قات توسۇقلاردىن ئۆتۈپ قاچماقتىمىز… توسۇقلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلىرىمىز قانچىلىك، تۇتۇلغانلىرىمىزچۇ؟…
2014 – يىلنىڭ باشلىرى، پاسپورتسىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە بارماقچى بولۇپ شەرقىي تۈركىستاندىن پىيادە مېڭىپ كەلگەن 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرقېرىندىشىمىز، تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. بىر يىلدىن كېيىن، شۇ تۇتۇلغانلاردىن ئاياللار ۋە بالىلىرىمىز بولۇپ 183 نەپەر كىشى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ، كۆڭلىمىزگە ئازراق تەسەللى بولدى. لېكىن ئارقىدىنلا، 2015 – يىلى 7 – ئايدا 109 نەپەر ئۇيغۇر خىتتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ، ئېچىشىۋاتقان يارىمىزغا تۇزلار چېچىلىپ، ئۆزىمىزنى ھەريانغا ئاتتۇق، ئەمما داۋاسىنى تاپالمىدۇق…
قالغان 61 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر تايلاندنىڭ قاراڭغۇ، زەي زىندانلىرىدا قىينالسىمۇ، ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالسىمۇ ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق دەپ جار سېلىۋاتقان ئەركىن دۆلەتلەردىن ئەركىنلىك، ياشاش ھوقۇقى، نەپەس ئېلىش ھوقۇقى تەلەپ قىلىپ ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى ئۈزمەي ياشاپ كەلدى.
بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى سىياسى تەشكىلاتلىرىمىز، سىياسى ئاكتىپلىرىمىز ھەر قايسى دۆلەت ۋە ئۇرۇنلارغا ئەرز، ئىلتىماسلىرىنى توختىماستىن سۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە ھېچبىر جاۋابقا ئېرىشەلمەي كەلگەن ئىدۇق.
2017 – يىلى 20 – نويابىر دۈشەنبە. تايلاندنىڭ مالايسىياغا چېگرىداش بولغان سوڭكىلا ئۆلكىسى ساداۋ رايونىدىكى تۈرمىدىن 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە تاملىرىنى مىخ بىلەن تېشىپ، يوتقان ۋە ئەدىياللارنى ئارغامچا ئورنىدا ئىشلىتىپ قاچقانلىق خەۋىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. ئۇلارنى ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك ئارزۇ ۋە ياشاشقا بولغان ئىنتىلىش يەنە قېچىشقا ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى… ئۇلارنىڭ قېچىش جەريانىدا تايلاند، مالايسىيا دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىردىن، ئىككىدىن تۇتۇلۇۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئەندىشە قىلدۇق.
2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز جىددى سەپەرۋەلىككە كېلىپ، تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققان شۇ قېرىنداشلىرىمىزنى ئىزلەپ تېپىش ۋە ماددى جەھەتتىن ياردەم بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بولدى. مالايسىياغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، تۈرمىدىن قاچقان بۇ ئۇيغۇرقېرىنداشلىرىمىزنى ئىزلەپ تېپىش، ئۇلارنى بىخەتەر ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۈرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.
تولىمۇ ئەپسۇس، 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، مالايسىيا ئىستىغپاراتى بىلەن خىتتاينىڭ خەلقئارالىق ئىستىغپاراتى بىرلىكتە ئىز قوغلاپ، بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى تۇرۇۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ، مالايسىيا تۈرمىسىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ تايلاند تۈرمىسىدە بېشىدىن كەچۈرگەن ئاچچىق قىسمەتلىرى، تۈرمىدىن قېچىپ تاكى تۈتۇلغانغا قەدەر تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرى، ئەركىن دۇنيادا غەمسىز ياشاۋاتقان بىزلەرنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ.
رادىئومىز بۈگۈن، بۇ 11 نەپەر قېرىندىشىمىزنى مالايسىياغا بېرىپ ئىزلەپ تېپىش، ئۇلارنىڭ ياتاق ۋە تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتلەردە ياردەمدە بولغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق قىلىپ ئىقتىساد توپلاشتا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان پىدائىيلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى كۆرگەن ، ئاڭلىغانلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ كانادادىن ئابدۇقېيۇم ئەپەندى، گېرمانىيەدىن زىبىبۇللا ئەپەندى ۋە ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەدىن ياردەمگە بارغان، ھازىر گوللاندىيەدە تۇرىۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغا يەنە بىر ئۇيغۇر پىدائىينى سۆھبىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق.
دىققىتىڭلار سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن:

يۇقىرىدا ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، تايلاند تۈرمىسىدىن جېنىنى
ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ قاچقان 11 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق. ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ تاكى پىدائىيلىرىمىز بىلەن ئۇچراشقان 10 نەچچە كۈنگە قەدەر پۇتلىرىدا ئاياق، ئۇچىلىرىدا كىيىم – كېچىگىنىڭ تايىنى يوق، ئاچ ۋە سۇسىز ھالەتتە ناتۇنۇش بىر جۇغراپىيەدە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىركىشىشلىرى، دۇنيا تارىخىدىكى تۈرمىدىن قېچىش ھېكايىلىرىنىڭ ئەڭ تەسىرلىكى بولسا كېرەك.
ئۇيغۇرلار ئادالەت ئىزلەپ، زالىم خىتتاينىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلىرىدىن دۇنياغا قاراپ قاچماقتا. ئەمما، دۇنيا ئادالىتىنىڭ ھەق ھوقۇق تارازىسى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالىتىنى كۆرسەتمىدى. ھەر زامان تارازىنىڭ بىر تەرىپى، مەنپەئەتلەر تەرىپىدىن ئېغىرلىتىلىپ، گۇناھسىز، چارىسىز، بىچارە خەلقىمىز ئادالەتنىڭ كۆزى ئالدىدا، قۇربانلىققا ئايلىنىپ كېتىپ بارماقتا…
بۈگۈن بىز، تۈرمىدىن قاچقان ئاشۇ ئەركىنلىك جەڭچىلىرىمىز ئۈچۈن، ئورنىدىن دەس تۇرغان ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ يېنىدىكى ئالتۇن ئۈزۈك، بىلەيزۈك قاتارلىق پۇلغا يارىغۇدەك بۇيۇملىرىنى ساتقان، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىپ بولسىمۇ، ئاشۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئىقتىساد توپلىغان، پىدائىيلىرىمىزنىڭ قاچاق قېرىنداشلىرىنى ئىزلەپ مالايسىياغا بېرىپ ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ، پىداكار ئەر – ئاياللىرىمىزنىڭ ھەرىكىتىدىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچان روھىنى يەنە بىر قېتىم كۆردۇق، قەلبىمىزدىكى مەشئەلنىڭ كۈندىن – كۈنگە يالقۇنجاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق…
دۇنيانىڭ بىز ئۈچۈن كېچىكىۋاتقان ئادالىتى بىزگە، ئاللاھ ۋە ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچىمىزنىڭ يوقلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتى. مەنپەئەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان دۇنيا بىزگە، ئەركىنلىكنىڭ كوچىلىرىدا ئىڭراۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ نىداسىنى پەقەت ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ تىڭشىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى، زالىم خىتتاينىڭ ئاسمانغا يايغان تورىدىن، يەرگە قۇرغان قاپقانلىرىدىن قاچالىغان، تايلاندنىڭ تۈرمە تاملىرىنى تېشىپ، يوتقان كۆرپىلىرى بىلەن تۈرمىنىڭ ئەتراپىدىكى سىم توسۇقلارنى مۇداپىئە قىلىپ تۇرۇپ قاچالىغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىمىز بىزگە، دۇنيادا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈن بىرلەشكەن قەدەملىرىمىز مەڭگۈ توختاپ قالمىسۇن!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز