ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى 1 ياشقا كىردى


2017.1.15 — 2018.1.15

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز.
ئۇيغۇر نىداسى تاراتقۇ مەركىزىمىز چەت ئەلدىكى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەت سۆيەر بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىز​نىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن 2017 – يىلى 1 – ئايدا سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇلۇپ، 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى رەسمىي ئاڭلىتىش باشلىغان، ھويلام ئۇنىۋېرسال ئاخبارات تور مەركىزىمىز 2017 – يىلى 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى رەسمىي ھالدا ئېچىلىپ ئىشقا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ، ئاڭلارمەنلىرىمى​زنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلدى. رادىئومىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن تارىخ، دىن، سىياسەت ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق سەھىپىلەرنى تەسس قىلىپ، ئاڭلارمەنلىرىمى​زنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ، قېرىنداشلىرىمىز​نىڭ ئىلھام مەدەت بېرىشى نەتىجىسىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىد​ا يېڭىلىق ياراتتى. رادىئومىز ئاڭلىتىش باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر 5 سەھىپە تەسىس قىلىپ جەمئى 230 قېتىم ئاڭلىتىش بەردى. ھويلام ئۇنىۋېرسال ئاخبارات تورىمىزدا 470 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر نىداسى تاراتقۇ مەركىزىمىز گوللاندىيەنىڭ دۆلەت ئاساسى قانۇنىغا رىئايە قىلغان ئاساستا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز​نىڭ گوللاندىيەدىكى رەسمىي، قانۇنلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولۇشنى مەقسەت قىلىپ، 2017 – يىلى سىنتەبىردە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ 3 ئايدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي قانۇنلۇق ئۇيغۇر ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ تەستىقلىنىپ رويىخەتكە ئېلىندى.
بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر نىداسى تاراتقۇ مەركىزىمىز، ئۇيغۇر نىداسى تور بېكىتىمىز ۋە ھويلام ئۇنىۋېرسال ئاخبارات تور بېكىتىمىز يوقلۇقتىن بارلىققا، ئازلىقتىن كۆپلۈككە قاراپ تەرەققى قىلىپ، ئاز بولـمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۈگۈنگە قەدەر بىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كەلگەن نامسىز ساخاۋەتچىلىرىمى​زگە، سېخى قوللارغا چوڭقۇر تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بىلەن مەركىزىمىز ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىد​ا بۈگۈنگە قەدەر دادىل قەدەم بېسىپ، ئېزىلىۋاتقان، زۇلۇم چېكىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئاللاھ دەۋايىمىز ئۈچۈن سۇنۇلغان قول، بېسىلغان قەدەم، ياڭرىغان ئاۋاز ۋە سوققان يۈرەكلەرنىڭ چارىسىنى ئەڭ قىسقا زاماندا بېرىشكە نېسىپ قىلسۇن!
ئۇيغۇر نىداسى تاراتقۇ مەركىزىمىز 2018 – يىلدا، رەسمى سېستىمىلاشقان كەسپى رادىئو – تېلىۋېزىيە ئىدارىسى بولۇپ چىقىشنى ئۆزىگە نىشان قىلدى. مەركىزىمىز بۇ يىلدا ئۇيغۇر نىداسى خەۋەر مەركىزى تەسىس قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىختىيارى مۇخبىر قوبۇل قىلىپ، 2018 – يىلدىن باشلاپ ھەپتە ئىچى ھەر كۈن دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ئاڭلىتىش بېرىشنى قارار قىلدى. ئالدىمىزدىكى بىر يىلدا، گوللاندىيەنى مەركەز قىلغان خىزمەت ئورنىمىزنى قۇرۇپ چىقىپ رادىئو – تېلىۋىزىيە تارقىتىش مەركىزى، رادىئو – تېلىۋىزىيە خەۋەر سىتودىيىسى، ئۇنىۋېرىسال پروگرامما سىتودىيىسى ۋە مەمۇرى ئىشخانىلارنى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق. ئۇيغۇر نىداسى تاراتقۇ مەركىزىمىز 2017 – يىلى 12 – دېكابىر كۈنى تىجارەتنى مەقسەت قىلمىغان، ھېچقانداق كىرىمسىز، بانكىدا ھېچقانداق ھېساۋى بولـمىغان شارائىتتا، دۆلەتنىڭ رەسمىي قانۇنلۇق ئاخبارات – تەشۋىقات ئورگىنى بولۇپ تەستىقلاندى. ئۇنداقتا يۇقارقى ئىككى باسقۇچلۇق پىلاننى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟… بىز يۇقارقى ئارزۇلىرىمىزنى روياپقا چىقىرىش ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىق خىزمىتىمىزنى، مۇستەقىل دۆلىتىمىز قۇرۇلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇشىم​ىز ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز​نىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشىغا مۇھتاجمىز. ئەزىز قېرىنداشلار، بىز ئۇيغۇرلاردا يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس، دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس دەيدىغان ماقال بار. بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن پۇلى بار قېرىنداشلار پۇلىنى، كۈچى بار قېرىنداشلار كۈچىنى، قەلىمى بار قېرىنداشلار قەلىمىنى تەۋرىتىپ بۇ خىزمەتلەرنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. مىللىي داۋايىمىز مانا مۇشۇنداق پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈنگىچە بۇ خىزمەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان نامسىز قەھرىمانلار بولسۇن ياكى ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقانلار بولسۇن بىر تىيىن ھەق ئالمىدۇق. ۋەتەن داۋاسى كىمنىڭ قولىدا قايسى ئىمكان بولسا شۇنى پىدا قىلىش بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاللاھ قولىمىزدىكى نېمەتلەرنى قايسى يولدا سەرپ قىلغانلىقىمىزدى​ن ھېساپ ئالىدۇ. ئاللاھ يولىدا نېمە سەرپ قىلمايلى، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەجرىنى بىز ياردەمگە مۇھتاج بولغان ھېساپ كۈنىدە ھەسسىلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئەلھەمدۇلىللاھ ئىمانىمىز كامىل. بارلىق تىرىشچانلىقىمىز، ئى بەدەندەم مېنىڭ رىزام ئۈچۈن نېمە قىلدىڭ؟ دەپ سورىغاندا، ئى رەببىم، قولۇمدىن كەلگىنى، شارائىتىم يار بەرگىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان بەندىلىرىڭنىڭ ئاھۇ زارىنى ئاڭلىتىۋاتقان، زالىمنىڭ زۇلمىغا سۈكۈت قىلماستىن خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىش بولدى دېيەلەيدىغان ۋە ئىمانىمىزغا بۇ ئەمەللىرىمىزنى شاھىت قىلىشتۇر. بىر قولنىڭ نېمىسى بار، ئىككى قولنىڭ ساداسى بار دېگەندەك تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىز​نىڭ بىزنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ بىزلەرنى ياخشىلىقتا بەسلىشىدىغان، دىنى، خەلقى، ۋەتىنى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلغاي.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز