ئۇيغۇر نىداسى يېڭى يىللىق ئالاھىدە پروگراممىسى

2017- يىلى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئازاب – ئوقۇبەتكە، ئايرىلىش ۋە مۇسىبەتكە تولغان بىر يىل بولدى.

خۇشاللىقلىرىمىز ئاز، قايغۇ – ھەسرەتلىرىمىز زىيادە بولغان، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرگە ئورتاق بىر مۇسىبەت ھۆكۈم سۈرگەن قاباھەتلىك بىر يىل بولدى. ئۇيغۇر خەلقى 2017- يىلى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېزىلىش ۋە يوقىتىشلارغا دۇچار بولدى. ئەمما ئېرىشكەنلىرىمىز مانا بۇ ئازاب ئوقۇبەتلەر ئاستىدا تاۋلىنىش، ئويغىنىش، دۈشمىنىمىزنى ئېنىق تونۇپ، ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش يولىغا ئاتلىنىش بولدى. دۇنيادا مۇتلەق ئېزىلىش ياكى مۇتلەق ئېزىش بولمايدۇ، قاراڭغۇ تۈنلەر ئۇزۇن بولسىمۇ ھامان تاڭ ئاتىدۇ، زۇلمەتلىك قىشتىن كېيىن ھامان يېڭى ھاياتلىققا قۇچاق ئاچقان گۈزەل باھار كېلىدۇ! ئىشىنىمىزكى 2018-يىلى ئۇيغۇرلارغا شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق ئېزىلگەن خەلقلەرگە تاڭ ئاتقۇسى، باھار قۇچاق ئاچقۇسى! 2018-يىلى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۈمىدكە تولغان بىر يىل بولغۇسى!

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسىنىڭ بارلىق خىزمەت خادىملىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 2018- يىلىنى تەبىرىكلەيدۇ. يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم

ئەركىن سىدىق

مىكروفۇندا: قاراخان

قانداق كۈتەي سېنى بۈگۈن يېڭى يىل؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

يىل –
سەندىن بىرى يەنە كەتتى،
يېڭىسىنى كۈتۈۋېلىشقا يوق مەيلىم ئەمدى
زۇلۇمى زاماننىڭ خەلقىمگە زەپ يەتتى
تالاي دوست – يارەنلىرىم غايىب بوپ كەتتى …
خورلۇقى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ چەككە يەتتى
ئەرك سۆيگەن ئەزىمەتلەر زىنداندا ياتتى
مىللەتنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس قان ئاقتى
زالىمغا دۇنيا چاپانلار ياپتى …
ئىنسانلىق مەنپەئەتكە ۋىژدانىنى ساتتى!
تەقدىم قىلغىنىڭ شۇ بولسا ماڭا-
قانداق كۈتەي سېنى بۈگۈن يېڭى يىل؟

يىل –
ئۆمۈر ئوغرىسى سەن ئەلمىساقتىن،
جاۋاب يازغان لۇتۇن ساڭا قورۇقماستىن
دۈشمەن قىلىچى كېسىپ تۈگىتەلمىگەن-
ئەمما ئۇيغۇر تاۋلانغان،
كۈرەش جەڭگاھىدا باھادىر بولۇپ،
پۈكۈلمەستىن!

يىل –
ئوتنىڭ تېشىدا مەن مىسلى پەرۋانە –
كۈچسىزلىكىمگە تەن ئالماستىن …
تەقدىم قىلغىنىڭ ئەگەر ماڭا شۇ بولسا –
سېنى قانداق ئۇزىتاي –
سېنى قانداق كۈتەي بۈگۈن يېڭى يىل؟

يىل –
سەندىن تامغا بولۇپ ئىز قالدى،
قىساسنىڭ ئۆچمەس ئوتى يۈرەكتە ياندى
بۈيۈك كارۋان سەپەر ئۈچۈن ئاتلاندى …
مەنزىلى بارسا كەلمەس يول ئالدى.
ئەييۇھانناس!
دۆلىتى يوق ئۇيغۇرغا جاھان تار بولدى !
ھەر ئىقلىمغا سۈرگۈن بولۇپ خەلقىم پالاندى!
ئىنسانلىققا ئىلتىجا بىغۇبار جانلار-
ياشاشمۇ ئۇيغۇر بولۇپ گۇناھ سانالدى!؟
تەقدىم قىلغىنىڭ شۇ بولسا ماڭا –
قانداق كۈتەي سېنى بۈگۈن يېڭى يىل؟

يىل –
غەزەپتىن تۈگۈلدى مۇشى، ئادالەت تاپالمىغان ئەل،
يوق سەبىرىگە چىدامى، ئىستىقلالغا ھازىر بەدەل!
ئۆكسىدى جانلار، بولمىدى ھايات بىزگە لەئەل،
ساقايمىدى ئۇيغۇر بېشى، ئەسىر ھالقىپ زارى ھەل،
تاۋلىدى بىزنى يىللار، باغلىدۇق كۈرەشكە مەھكەم بەل.
توختىسۇن كۆز ياش، قىلايلى ئەمدى بىر ئەمەل ؟!
ئەگەر سوغىتىنڭ ئۇيغۇرغا شۇ بولسا،
زەپەر بىلەن كۈتەي سېنى يېڭى يىل!

30- دېكابىر، 2017- يىلى، لوندون

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

ئەركىن سىدىق

مىكروفۇندا: قاراخان

ئاسىيانىڭ كىندىكى قالدۇرغان كۆپنى ھەيران،
نەچچە مىڭ يىل ياشىغان ئۇنىڭدا خەلقىم ئامان.
خوجايىن بوپ ئۆتكەن ھەم، ھۆرلۈكتە سۈرۈپ دەۋران،
ئاتامىراس تۇپراق ئۇ، مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

چەكسىز كەتكەن ئۇ يەردە تاش، قۇملۇق ۋە سايلىق بار،
شۇ قۇم-سايلىق ئاستىدا سۇ، قاشتاش ۋە بايلىق بار.
بىپاياندۇر يايلىقى، كانلىرى كۆپ تاغلىق بار،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

بەكمۇ مۇنبەت تۇپرىقى، ئوخشايدۇ كۆكتات-ئاشلىق،
باغقا تولغان ھەممە يەر، يېمىشلەر تەملىك، تاتلىق.
خەلقىم خوشال ياشايتتى، ماڭسىمۇ ئىشەك-ئاتلىق،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

ۋەتەن يولى ئۈزۈلدى، قۇرۇقلۇق چوڭ يېرىقتەك،
شۇڭا تەملىك غىزامۇ تېتار گويا قېرىقتەك،
ۋەتەنسىزلىك قىپ قويدى بىزنى سۇسىز بېلىقتەك،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى،
ئىگىسىگە بىلىنمەس نەرسىنىڭ بار-يوقلىقى.
تۇيۇلار سەل ئاچلىقمۇ قورساقنىڭ بوپ توقلۇقى،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

ئۇ يۇرتتا مەن ئۆتكۈزگەن بەخىتلىك ھايات، ياشلىق،
مەكتىپىدە بىلىم ئېپ، ئېتىزدا تېرىپ ئاشلىق.
شۇڭا گۆھەر كۆرۈنەر سايدىكى شېغىل-تاشلىق،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

بۇلغانماستا مۇھىتى گۈزەلتى زېمىن، ئاسمان،
ياققان قارلار چىڭ توڭلاپ ماڭىتى چانا راۋان.
مېھرى بىلەن قانداشلىق ئۆتەتتى خوشال زامان،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

ۋەيرانچىلىق باشلاندى ئورمانلىق ۋە يايلاقتا،
سېسىپ كەتتى كۆللىرى كۆپ ئادەم كەپ، ماغزاپتا.
يارىلاندى ھەر يۈرەك زۇلمەتلەر ۋە ئازابتا،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

چۆللىرىدە قالمىدى كۆيگۈدەك يانتاق-ياغاچ،
كۆللىرىدە قالمىدى پاقىلار ۋە قارلىغاچ.
باغلىرىدا قالمىدى كېپىنەك، پاختەك، قۇشقاچ،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

بولۇپ قالدى مەن ئۆسكەن ئانا يۇرت بىر ئەسلىمە،
يېتەر، ئەمدى بولدى قىل، ئىگىسىنى قەستلىمە.
خەلقىمدە بار ئىرادە، بولمايدۇ ھېچ تەسلىمە،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

ھەر تارتۇقنىڭ ئالدىدا مۇشكۈللەر ۋە سىناق بار،
مەنزىلدىمۇ كۆزلىگەن يېقىن بىلەن يىراق بار.
«سەن يوقايسەن!» سۆزىدە كۆپ گۇمان ۋە تىرناق بار،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

ئانا بىزگە سەن ۋەتەن، ھەرگىز بىزنى تاشلىما،
قىلسۇن ياتلار نېمىلەر، كۆزۈڭنى ھېچ ياشلىما.
ئاتمىغىچە تاڭ بىزگە بەل قويۇشنى باشلىما،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

ئاللاھ چېچىپ ھەر يەرگە شەپقەتلىك نۇر، ھارمىدىڭ،
بەردىڭ ھۆرلۈك كۆپلەرگە، ۋەدەڭدىن ھېچ يانمىدىڭ.
پات يېقىندا كەلگۈسى بىزگىمۇ نۇر-ياردىمىڭ،
ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان.

2017-يىلى 12-دىكابىر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز