خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قاغىلىق ناھىيسىدە ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچلىقىغا قارىتا بايانات


مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق قىرغىنچلىقىغا قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارقاش، گۇما ناھىيلىرىدە ھەمدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغلىق ناھىيسىدە ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچلىقىغا كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە شۇ يەردە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ شېھىتلىك ماقامىنىڭ يۇقىرى بولۇشنى، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىر بېرىشنى جانابى ئاللادىن تىلەيدۇ.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى قاغلىق ناھىيسىنىڭ لوق يېزىسىدا ئېلىپ بارغان كوللىكتىپ قىرغىنچلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ يەرلىك دائىرلەر تەرپىدىن دەلىللەنگەنلىك خەۋىرى 15-مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرپىدىن ئېلان قىلىندى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش، ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتەك قىلمىشلىرىغا قارىتا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەرگىز سۈكۈت ئىچىدە تۇرمايدۇ.بىز بۇ خىلدىكى قىرغىنچلىقلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە بارلىق ئىمكانلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە جۇمە خۇتبىلىرىمىزدا بىرلىكتە ئاللاغا يېلىنىپ بۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىشتەك قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى پۈتكۇل شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزىمىز قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستلىرىدا بىردەك ئۈچ كۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بايانات ۋە ئىنكاسلىرىمىزنى يوللاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگىزىۋاتقان قىلىمشىلىرىنى پاش قىلىشىمىز، ئاشكارلىشىمىز ئۇلارغا بولغان غەزەپ -نەپرىتمىزنى ئەمەلىيىتمىزدە كۆرسىتەلەلىشمىز كېرەك.
بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرشىۋاتقان ئۇيغۇر نىداسى رادىئوسى بولۇش سۇپىتمىز بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىلىمىشلىرىنى پاش قىلىش، ئاشكارالاش بىلەن بىرگە خەلقىمىزنىڭ نىداسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشقا بارلىق ئىمكانلىرىمىز بىلەن خىزمەت قىلىشقا تەيياربىز.

ئۇيغۇرنىداسى تور رادىئوسى
16-مارت2017-يىلى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز